خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىل" دا ئوقۇتۇشىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟

0:00 / 0:00
qosh-til-200.jpg
2006 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى خوتەندىكى بىر قوش تىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئاڭلىماقتا. قوش تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى پەقەت ئۇيغۇر تىلى دەرسى بىلەنلا چەكلەنمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى رەسمىي يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىغا 20 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كۈچەيمەكتە.

قوش تىل مائارىپى تەشۋىقاتى كۈچەيتىلمەكتە

بولۇپمۇ بېيجىڭدا ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىنىڭ -7 مارت كۈنى ئېلان قىلىغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا بارغان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، يەنىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، قوش تىللىق ئوقۇتۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى بەرگەنىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە يەنە "قوش تىل" دا ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا 8 سوئال؟ دېگەن تېمىدا خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى شەرھىلىگەن مەخسۇس بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

گەرچە مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىياسىتىگە تەبىر بېرىپ "قوش تىلدا ئوقۇتۇش" ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشنى تەشكىللەشتىكى بىر خىل ئوقۇتۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، قوش تىلدا ئوقۇش، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش ئاساسىدا خەنزۇ تىلىنى ئىگىلەش دېگەنلىكتۇر "دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قوللىنىۋاتقان بۇ خىل قوش تىل مائارىپى قەدەممۇ ‏- قەدەم پەقەت خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ قالماقتا.

ماقالىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت، بىردىنلا نەتىجە چىقارغىلى بولمايدۇ، 10 يىل، 20 يىل، 30 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇزۇن مۇددەت جەڭگە ئاتلىنىدىغان تەييارلىق بولۇش كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلار "قوش تول " مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

يەنى خىتاي دەسلەپتە ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى دەرسلىكىدىن ئىبارەت پەقەت بىرلا دەرس تىل دەرسى سۈپىتىدە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلۇپ باشقا بارلىق دەرسلەر شۇ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇتۇلۇپ كەلگەن بولسا نۆۋەتتە دەل ئەكسىچە ھالەتكە كېلىپ، بىرلا تىل ئەدەبىيات دەرسى ياكى ئانا تىل دەرسى نامىدا بىر ياكى بىر نەچچە قوشۇمچە دەرسلىك ئانا تىلىدا ئوقۇتۇلۇپ باشقا بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئوقۇتۇلماقتا.

شۇڭا ئۇيغۇر مائارىپچى شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ئېيتىۋاتقان "قوش تىل" دا ئوقۇتۇشنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە خىتايچە ئوقۇتۇش يەنى ئۇيغۇر مائارىپىنى "خىتايچىلاشتۇرۇش" دەپ باھا بەرمەكتە. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئون نەچچە يىل مائارىپ سېپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق: گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوش تىللىق مائارىپنى ئېلىپ بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، خىتاينىڭ قوللىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز چېكىنىش ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مائارىپ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى نۆۋەتتىكى ئىلىم ھەم ئۇچۇر تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەي قالدى دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن قوش تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىگە تەبىر بېرىپ "خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش، ئىلغار پەن ‏- تېخنىكا بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىش ئالاقىچىسى قوراللىرى، ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم كۆرۈك، ھازىر خىتاي تىلى دۇنيادىكى 6 چوڭ تىلنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمىگەندە مەملىكەتكە ھەتتا دۇنياغا يۈزلەنگىلى بولمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھېچقاچان مائارىپتا باشقا تىللارنىمۇ ئۆگىنىشنى رەت قىمايدۇ. جۈملىدىن خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى قارشى ئالىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى، ئانا تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتاي تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىش. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى پەقەت خىتاي تىلىنىلا مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى ئىنكار قىلىش ھەتتا پەيدىنپەي يولدىن قالدۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئاتالمىش "قوش تىل" دا ئوقۇتۇش ئاز سانلىق مىللەتلەردە شەكسىز قارشىلىق ھەمدە نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقتا" قوش تىل" ئەمەلىيەتتە بولسا پەقەت خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىلنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. دەپ باھا بېرىدۇ. (گۈلچېھرە)