
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ساۋاتسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى خىتايدىكى ساۋاتسىز قالغانلار سانىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئازايماستىن بەلكى يەنىلا ئىزچىل ھالدا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005 - يىلى ئاخىرىدا، خىتايدىكى ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 116 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ساندىن 30 مىليوندىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن؛ شۇنداقلا ھازىر دۇنيادا ھىندىستاندىن قالسا، خىتاي ساۋاتسىزلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان پۇلى بەكلا يېتەرسىز
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ساۋاتسىزلىق مەسىلىسىگە مەسئۇل بۆلۈم مۇدىرى گاۋ شۆگۈي "ھازىر بىزدىكى ساۋاتسىزلىق مەسىلىسى پەقەت مائارىپ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. مەزكۇر مەسىلىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى بەكمۇ زور" دەپ كۆرسەتتى.
گاۋ شۆگۈي سۆزىدە يەنە، ساۋاتسىزلىق مەسىلىسىنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ھەمدە غەربىي رايونلارغا قارىغاندا شەرقىي رايونلاردىكى ساۋاتسىزلار سانىنىڭ تېخىمۇ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلىغا قەدەر 10 مىليونغا يېقىن ئادەمنى ساۋاتسىزلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالدۇق دېگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساۋاتسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى پەقەت 8 مىليون خىتاي پۇلى بولۇپ، كىشى بېشىغا ئاران 8 پۇڭدىن توغرى كېلىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2015 - يىلىغىچە، ساۋاتسىزلار سانىنى 50% تۆۋەنلىتىشكە ئۈندىگەن. لېكىن بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى " خىتاي ھازىرقى بۇ خىل ھالەتتە 2015 - يىلىغا بارغاندا، ھەرگىزمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاراشلىرى
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ، ساۋاتسىزلىق ھەققىدىكى ئۆلچەم مەسىلىسى شۇنداقتا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساۋاتسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى بىلدۈرمەكتە.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساۋاتسىزلار سانىنىڭ كۈنسېرى كۈپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى مەلۇم جەھەتتە ساۋاتسىز قىلىپ يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئايال ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساۋاتسىزلىق مەسىلىسى يەنى خىتاي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئەكىلىۋاتقان ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. (مېھرىبان)