خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى سىياسەتچىلەرنىڭ باشقۇرىشىنى تەكىتلىمەكتە


2005.04.27

25 - ئاپرىل ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ھەمدە ھۆكۈمەت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ مۇدىر قاتارلىق كادىرلىرىغا 11 قارار مەخسۇس سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلغان. بۇ كۇرسلاردا جەمئىي 29 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 1760 نەپەر ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ كادىرلىرى 20 كۈن ئەتراپىدا سىياسىي پەلسەپە جەھەتتە تونۇشىنى ئۆستۈرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ھەمدە فاكولتىت كادىرلىرىنى سىياسىي جەھەتتە تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان بۇ مەخسۇس كۇرسنىڭ 1- قارار ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەن مەخسۇس سۆز قىلىپ: "مەركەزنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم قارارى بويىچە بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك، مائارىپنى سىياسەتچىلەر باشقۇرىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن قاھار بارات ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سورىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.