خىتايچىلاشتۇرۇش داۋامىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ دۈشەنبىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغاندا چەت تىل ئوقۇتۇشتىن باشقا كەسىپلەرگە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىدىكىلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنى بېكىتكەن.

قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋاننى ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىدىكەن.

بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قاندەك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ.