ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدىن 27 - ئىيۇن ئاشكارىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلغان "شىنجاڭ" تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.
2000 - يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن 12 ئاساسلىق شەھرىدە، 12 "شىنجاڭ" تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، يىلىغا بىر مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. 2004 - يىلى بۇ سىنىپلارغا 1540 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. بۇ يىل خىتاي شەھەرلىرىدىكى "شىنجاڭ" تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى 25 كە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، 3075 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. دېمەك بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقچى ئىكەن.
"شىنجاڭ سىنىپى" بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلغان بۇ "شىنجاڭ" تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا يول- يورۇق بەرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى "شىنجاڭ" سىنىپلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ "شىنجاڭ سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى ئىدىيىۋى جەھەتتىكى تەلەپنى قاتتىق قويۇش كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپا ئۆلچىمى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم. بۇ جەھەتتىكى تەربىيىنى ئەڭ ئالدىغا قويۇش كېرەك، چۈنكى ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئارقا سەپ كۈچى" دەپ تەكىتلىگەن.
"شىنجاڭ" سىنىپى تەدرىجى كېڭەيتىلمەكچى
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى تەدرىجى كۆپەيتىپ كەلمەكتە. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2007 -يىلىغا بارغاندا، "شىنجاڭ" تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ سانى 51 گە يېتىپ، ھەر يىلى 5000 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، تەنجىن، چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلىرىدە تەسىس قىلغان بۇ "شىنجاڭ" سىنىپى نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 90٪ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت، 10٪خىتاي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بويىچە، يېزا- قىشلاقلاردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلماقتا.
بۇ قانداق ئىستراتېگىيىلىك پىلان؟
مەزكۇر تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تاللانغان 15، 16ياشلاردىكى بالىلار خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە مىللىي تىل، مىللىي روھ، مىللىي ئۆرۈپ- ئادەت مۇھىتلىرىدىن مەھرۇم ھالدا پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپ پروگراممىسى بويىچە تۆت يىل تەربىيىلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا "ئۇيغۇر رايونى بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇش، غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياخشى يولى" دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىدىن ئايرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، تېخىمۇ تېز خىتايلاشتۇرۇشتىكى تەدبىرى دەپ قارىماقتا.
بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياقارىشى، ئەخلاق كۆزقارىشى ۋە دىنىي ئېتىقاد قارىشى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن، ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە غەيرى بولغان شەھەر ۋە مەدەنىيەت ئىچىدە تەربىيىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قولچوماقچىلىرى قىلىپ تەربىيىلەپ چىقماقچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسەت ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى بارغانچە تېزلەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن تا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە، خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغاندىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا، ھەر يىلى نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا تەربىيىلىمەكتە.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىن كەلگۈسىدە يەنە، باغچا مائارىپىنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇشنى يولغا قويماقچى ئىكەن.(گۈلچېھرە)