
12 مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئەنقەرەدىكى پائالىيەتلىرىدىن داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز. ئالدىنقى پروگراممىمىزدا بىز ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئەنقەرەگە كەلگەنلىكى، لەيلا گەنچەر تىياتىرخانىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇيەردە بولغان ۋەقەلەردىن خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۇگۈنكى پروگراممىمىزدا 12 مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئويۇن ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىمىز. ئويۇن ئوششاق مۇقامى بىلەن باشلاندى.
ئوششاق مۇقامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككىنچى پەردىدە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇرلار كۆرسىتىلدى. تۇرپان مۇقامى، دولان مۇقامى ۋە قۇمۇل مۇقامىدىن كۆك مەشرىپى قاتارلىق نومۇرلار كۆرسىتىلدى. سەنئەتچىلەرنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى، كۆركەم سەھنە كىيىملىرى تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلدى. زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى
ئويۇنغا كەلگەنلەر ئىچىدە كونا مىنىستىرلەر، مىللەت ۋەكىللىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ، مىڭلارچە كىشى بار ئىدى. بىز ئويۇننىڭ بىرىنجى پەردىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاماشىبىنلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تاماشىبىنلارنىڭ ئىچىدە سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنچۇ ئەپەندىمۇ بار ئىدى. بىز ئۇنىڭغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بىزنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى قانداق ئىكەن، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
"ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ، ئازەربايجاندىكى ۋە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى سەنئەت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەس قىلدىم. بەزى مېلودىيىلەر، ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى تۈركلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. دىمەك، بۇلار تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. مەن بۈگۈن خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيگۇر، قازاق، قىرغىز تۈركلىرىنىڭمۇ بىزنىڭ بىر پارچىمىز ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق بىر ئىپادىسىنى كۆردۇم. سەنئەت قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن".
- ھۆرمەتلىك مىنىستىر، بۇنداق باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ يەر بېرىلگەن. سەنئەتچىلەرىڭمۇ پاساپورتلىرى تارتىۋېلىنغان، بۇنىڭغا نىمە دەيسىز ؟
"بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە خىتاينىڭ 25-30 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن قورقۇشىنى مەنتىقە بىلەن ئىزاھلاش ناھايىتى قېيىن. دىمەك بۇ خىتايلارنىڭ ھەقسىز، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر خىتايلار ھەقلىق بولغان بولسا قورقمىغان بولاتتى. خىتايلار 12 مۇقامنى تونۇشتۇرغاندا بۇنداق باي مەدەنىيەتنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىدىن ماختىنىدىكەنيۇ، نېمىشقا ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرىدىن بۇنداق بىئارام بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمى داۋام قىلىۋەرمەيدۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى سەۋرلىك بولسۇن، ئەڭ قىسقا زامان ئىچىدە ئوز ئەركىنلىكىگە ئېرىشىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ياشىتىدۇ".
بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ يوقىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور فاتىخ ئاكچال ئەپەندىگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
- ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. چۈنكى، مىڭلارچە يىل ئاۋال تۈركلەرنىڭ قانداق باي بىر مۇزىكا سەنئىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قانداق داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالدىم. مەن بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ يوقىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مۇقام ئانسامبىلى سەنئەتچىلىرى ئويۇنىدا تۈركچە ناخشىلارنىمۇ ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ تۈركلەرنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلدى.
تاماشىبىنلار ئىچىدە 200 يىل بۇرۇن ئاتا بوۋىلىرى تۈركىيىگە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر تازابەيمۇ ئويۇنغا كەلگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە بولمىغان بىر سىياسەتكە دۇچار بولماقتا. 30 مىليون قېرىندىشىم ئۇ يەردە بېسىم ئاستىدا ئەسىر ھاياتى ياشىماقتا. كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم".
تۈرك سەنئەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرى
ئويۇنغا تۈركىيىدە تونۇلغان سەنئەت ئۆمەك مەسئۇللىرى، سەنئەتچىلەر بار ئىدى. تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تارمىقىدىكى تۈرك دۇنياسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئىرفان گۇردال ئەپەندىگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
- سىز پۈتۇن تۈركىي مىللەتنىڭ سەنئىتىنى بىلىسىز، ئۇلارنى ئىجرا قىلىسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت پروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن نىمىلەرنى ھەس قىلدىڭىز؟
- بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىنتايىن قېيىن. بۇنى ياشاش، كۆرۈش لازىم. ناھايىتى جۇشقۇن بىر سەنئەت ئىدى. سەنئەتتە مۇھىم بولغىنى سەنئەتچىنىڭ بۇ ھاياجاننى تاماشىبىنلارغا يەتكۈزۈشىدۇر. مەن بۇ ئويۇندا شۇنى كۆردۇم. ھەممىمىز بىردەم يىغا بىلەن بىردەم كۈلكە ئىچىدە بۇ نومۇرلارنى كۆردۇق. تەسىرى ۋە سەنئەت سەۋىيسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى".
- سىلەر پۈتۇن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە ئويۇن قويدۇڭلار. سىلەر ئويۇن قويغىلى بارغاندا ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ئۇچرىغاندەك چەكلىمىگە ئۇچرىغانمۇ؟
- مەن سەنئەتچىگە چەكلىمە قويۇشنى ئىنسانىي دەپ قارىمايمەن. بۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسى قارارى، ئەمما ئىنساننى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
تۈرك دۇنياسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى چىگدەم خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
_ مەنچە ئىنتايىن مۇكەممەل بىر ئويۇن ئىدى. ناھايىتى تەسىرلەندىم. ئۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن بىزنى تونۇستھۇردى. ئۇلارغا كوپ رەھمەت ئېيتىمىز. مەن بۇ يەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ئىنشائاللا ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنى كۆرەر، ئۇلارنىڭ بىزگە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇ بىزنىڭ سەنئەتچىلەر قانداق بولىشى كېرەك، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ بىر سەنئەتچى سەنئىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ھەممە جەھەتتىن ئەركىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى سەنئەتنىڭ روھىدا ئەركىنلىك بار.
ئويۇن قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. تاماشىبىنلار ئۇزۇنغىچە سەنئەتچىلەرگە گۈل تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنى ئالقىشلاپ زالدىن ئايرىلمىدى. (ئەركىن تارىم)