مۇقام ھەققىدە مۇڭلار


2005.12.14
amannisaxan-heykel.jpg
ئاماننىساخاننىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى ھەيكىلى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىدىن بولغان ناخشا -ئۇسۇل، مۇزىكا زىچ بىرلەشكەن ئۇنۋېرسال سەنئەت قامۇسى مۇقاملار، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئۆرۈپ ئادەتلىرىنىڭ سىستېمىلاشقان مۇجەسسىمى. شۇڭىمۇ ئۇيغۇر بار يەردە مۇقام بار، مۇقام بار يەردە ئۇيغۇر بار دېگەن سوز، مانا بۇ مۇقاملارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىتىنىڭ تىپىك بەدىئى كۆرۈنىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرسە كېرەك.

بۈيۈك ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ تارىخىدىكى مۆجىزىلەر

ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئەسەرلەر بويى ئۇيغۇر خەلق ئارىسىدا ئاغزاكى ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن. 16 - ئەسىردە مەشھۇر مۇقامشۇناس خانىش ئاماننىسا خېنىمنىڭ ئەل ئىچىدە مۇقاملارنى يىغىشى، بۇ بۈيۈك مۇزىكا قامۇسىنىڭ تۇنجى مۇكەممەل رەتلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن 1951 - يىلى ھەمدە 1954 -يىللىرى ئۇيغۇر 12 مۇقامى قايتا رەتلىنىپ نوتىغا ئېلىندى، شۇنداقلا 1961 - يىلى كومپوزىتور مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتار ۋە ۋەن توڭشۇلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن مۇقامنىڭ تۇنجى نوتا نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.

مۇقام ئەجدادلىرىنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن 12مۇقام يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەخسۇس قامۇس ھەمدە VCD پىلاستىنكىلىرىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن شەكلى جەھەتتە تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ جۇلالاندى.

يېقىندا، يەنى 25 - نويابىردا ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەمدە دولان مۇقامىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن " ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مىراسلىرى "تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ سۆيۈندۈردى.

مۇقاملار يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا مۇھتاج

karushang-axunum.jpg
مەشھۇر مۇقامشۇناس كارۇشاڭ ئاخۇنۇم.

ئەمما ئۇيغۇر 12 مۇقام تەتقىقاتچىلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، 12 - مۇقام ھەمدە دولان مۇقاملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەكىلسىز مەدەنىي مىراسلار ۋارىسلارنىڭ ئاز بولىشى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ بارغانچە تارىيىشى شۇنداقلا يات مەدەنىيەتلەرنىڭ بېسىمى، مەخسۇس تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كەم بولىشى قاتارلىق ئەمىلىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەمدە 12 مۇقام ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى تىلشۇناس، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى، 12 مۇقامنىڭ خەلقئارالىق قوغدىلىش كاتوگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ بۈيۈك مەدەنىيەت مىراسنى قوغداشتا يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولان يۇرتىدا شادلىق

دولان مۇقاملىرى ئاساسەن قەشقەرنىڭ مەكىت، مارالبېشى ئاقسۇ ئاۋات ھەمدە تارىم بويىدىكى بەزى ناھىيە بازارلاردا ئاممىۋى مەشرەپ پائالىيەتلىرىئارقىلىق جانلىق ساقلىنىپ كەلمەكتە. 25 - نويابىردا ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىلەن تەڭ دولان مۇقامىنىڭمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مىراسلار تۈرىگە كىرگۈزۈلىشى، قېنىدا سەنئەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، شاتلىقىنى، قايغۇسىنىمۇ مۇڭلۇق مۇقام بىلەن ئىپادىلەپ ياشاپ كەلگەن دولان دېھقانلىرىنى ئالەمچە شاتلىققا سالدى.

مۇقاملار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەم روھىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى قۇۋۋەت ھەم ئېستېتىك زوق بېغىشلاپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار بۇ قىممەتلىك بايلىقىنى قەدىرلەيدۇ ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلات داۋام ئېتىشىنى كۈتىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.