ئەخمەدىلەر ئائىلىسى، ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشماقتا


2005.02.02
abdurehim-exmidi.jpg
ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئەپەندى

ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئاكا، 1962 -يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ، كېيىن ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپ، ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئاكىنىڭ ئوغلى مۇراد ئەخمىدى ئەپەندى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، قازاقىستان خەلق ئارتىسى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . ئۇ 1973 -يىلى ياشلىق ئانسامبىلىنى قۇرغان، 1984 -يىلىدىن ھازىرغا قەدەر قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

مۇراد ئەخمىدى ئەپەندىنىڭ ئوغلى دىلشاد ئەخمىدى ۋە قىزى دىلناز ئەخمىدىمۇ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكا سەنئىتىگە نۇرغۇن ھەسسىلەرنى قوشۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىچىلارغا ئايلانماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئاكىنىڭ ئوغلى مۇراد ئەخمىدى ئەپەندى، دىلشاد ۋە دىلناز ئەخمىدىلەرنىڭ ئانىسى رىزۋان خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.