تۈركىيىدە كارىز تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارىزغا بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە. تۈركىيىدىكى ئاساسلىق ژۇرناللارنىڭ بىرىدە كارىزغا مەخسۇس يەر بېرىلدى. ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا مەخسۇس قارا خەت بىلەن "2500 يىللىق مەدەنىيەت مۆجىزىسى – كارىز" دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا "تۇرپاندىكى كارىز قاناللىرى"، "ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىر مۆجىزە-كارىز" ۋە "كارىز- تۇرپاننىڭ يەر ساتى سۇ قانىلى" ناملىق ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىلاردە تۇرپاننىڭ قىسقىچە تارىخى، كارىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى قاتارلىقلار مۇلاھىزە قىلىنغان.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ