ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە يەنە بىر "ۋاڭ لوبىڭ" يېتىشتى


2007.04.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

kiyim-ussul.jpg
2006 – يىلى 24 – ئۆكتەبىر كۈنى بىر ئۇيغۇر قىزى بېيجىڭنىڭ نيۇجيې مەسچىتىنىڭ ئالدىدا روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىملىرى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىماقتا. AFP

يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىيىم- كېچەك ھەپتىلىك كۆرىكىدە ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرى ئاساسىدا لايىھەلەنگەن " يىپەك يولى جەزبىدار لىباسلىرى" كىيىم پاسۇنلىرى،كىيىم لايىھەلەش ساھەسى ھەمدە مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ كىيىملەر ئۇيغۇر ئېلى ھەربىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كىيىم لايىھەلىگۈچىسى سۇن شىۇچىڭ لايىھەلىگەن كىيىملەر نامىدا سەھنىدە كۆرسىتىلگەن. بۇ كىيىم پاسۇنلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىنىڭ غەيرى زامانىۋىيلاشقان شەكلى بولغان بولسا، كۆپ قىسمى ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىۋىي كىيىم پاسونلىرىنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى ئىدى.

مەزكۇر كىيىم پاسونلىرى خىتاينىڭ ھەر قايسى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى سۈيىستېمال قىلىش جەھەتتە خىتاي كىيىم لايىھەلىگۈچىسى سۇن شىۇچىڭنىڭ، ناخشا ئوغرىسى دەپ نام ئالغان ۋاڭ لوبىڭدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىيىم لايىھەلىگۈچى سۇن شىۇچىڭمۇ ئۆز كەسپىدە ۋاڭ لوبىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش روھىنى ئۆلگە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سۆھبەت مەزمۇنلىرى دىققىتىڭلاردا :

ياخشىمۇ سىز ؟ سۇن شىۇچىڭ خانىممۇسىز؟ ‏- شۇنداق. ‏- مەن ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى بولىمەن. سىز لايىھەلىگەن كىيىم پاسۇنلىرى خەلقئارالىق كىيىم ھەپتىلىكىدە كۆرسىتىلىپ ئالقىشقا ئېرىشىپتۇ، بىرەر ئەسىرىڭىز نەتىجە قازاندىمۇ؟ ‏- مەن لايىھەلىگەن كىيىم پاسۇنلىرىغا ھازىرچە بىرەر مۇكاپات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم بېيجىڭدىكى خەلقئارالىق سەھنىدە "يىپەك يولى جەزبىدار لىباسلىرى" نامىدا كۆرسىتىلگەن كىيىم كېچەكلەر ھەممىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى، ھاياجىنىنى قوزغىدى ھەمدە ئاخبارات ساھەسىنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ھازىر قايسىلا تور بەتكە كىرىپ "سىلۇ نىشاڭ" دېگەن خەتنى باسسا بىر مۇنچە ماقالە ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار چىقىدۇ. ‏-ئۇنداقتا ماڭا بۇ كىيىم پاسونلىرى كۆرسىتىلىشىگە " يىپەك يولى لىباسلىرى" دەپ نام بېرىشىڭىزدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز؟ ‏- سىلۇ نىشاڭ دىكى نىشاڭنىڭ مەنىسى لەرزان گۈزەل لىباس دېگەن مەنىدە، يىپەك يولىدىكى لىباس دەپ نام بېرىشىمدىكى سەۋەب، باشقا جايلارنىڭ كىيىملىرىدىن پەرقلىق بولسۇن دېدىم، چۈنكى يىپەك يولى ئاساسەن بىزنىڭ شىنجاڭنى يەنى غەربىي دىيارنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا بۇ كىيىم كېچەكلەردە ئاساسەن غەربىي دىياردىكى ھەر مىللەتلەرنىڭ كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى ئىدىم. ‏- سىز ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتى نېمە؟ ‏- مەن خىتاي مىللىتىدىن . - بۇ سىزنىڭ بىرىنچى قېتىم دۇنيا كىيىم پاسونلىرى كۆرىكىگە قاتنىشىڭىزمۇ؟ ‏- شۇنداق تۇنجى قېتىملىقى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىيىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا كىيىم كېچەك پاسونلىرىنىڭ سەھنىسىگە چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. ‏-سىزنىڭ كىيىم لايىھىلەش كەسپىگە كىرىشكىنىڭىزگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ ‏- يىگىرمە يىل بولدى، ئەسلى مەن سەھنە كىيىم لايىھىلىگۈچىسى ئىدىم . ئاساسەن سەھنە ھەمدە كېچىلىك مۇراسىم كىيىملىرىنى لايىھىلىگەن. مودا كىيىم لايىھىسىنى -2001 يىلىدىن باشلىدىم دېسەم بولىدۇ . يەنى شۇ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقارا كىيىم كېچىكلەر يەرمەنكىسىدىن باشلاندى. ‏- ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا مەخسۇس كىيىم كېچەك شېركىتىڭىز بارمۇ؟ ‏- مەن ئۆزەمنىڭ ئىسمىنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئەنگە ئالغۇزغان، مەن لايىھىلىگەن كىيىملەرنى مېنىڭ " سۇنشىۇچىڭ دېگەن ئىسمىمنىڭ ئېنگلىزچە ھەرپ تە يېزىلىشى بويىچە ھەر قانداق زاۋۇت كارخانىلاردا زاكاز قىلدۇرالايمەن. بۇ قېتىم خەلقئارالىق كىيىم كېچىكلەر كۆرىكىگەمېنىڭ جەمى 116 ئەسىرىم قاتناشتۇرۇلدى،كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادەتلىرىنى ئاساس قىلغان . ھەمدە قازاق ھەمدە تاجىك تاتارلارنىڭ بەزى كىيىنىش ئادەتلىرى سىڭدۈرۈلگەنلىرىمۇ بار. ‏- ئۇنداقتا سىز خەلقئارالىق كىيىم پاسۇنلىرى سەھنىسىدە بۇ كىيىم پاسونلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردىڭىزمۇ؟ ‏-ياق . چۈنكى كۆرەككە قويۇلغان بۇ كىيىم پاسونلىرى نەچچە بۆلەككە بۆلۈنگەن، مەن بۇ كىيىم پاسۇنلىرىغا ئۆزەمنىڭ بۇ دىياردا ياشاش جەريانىدا مىللەتلەر مەدىنىيىتىگە بولغان چۈشەنچەم ھېس قىلغانلىرىمنى سەنئەت شەكلىدە تەدبىقلىغان ھالدا يۇغۇرىۋەتكەن.مەن بۇ ئاز سانلىق مىللەت كىيىم پاسونلىرىنى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم مەدىنىتىگە تەقلىدى ۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىجاد قىلدىم دېسەم بولىدۇ. مەن بۇ جەرياندا كۆپ تۇرمۇش ئۆگەندىم نۇرغۇن جايلاردا زىيارەتتە بولدۇم، مەسىلەن ئەتلەستىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ئەنئەنىۋى كىيىم تىكىش خام ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئىجادىيىتىمدە، ئۇيغۇرلاردىكى بىر خىل ئۆزگىچە شوخ رەڭ تۇيغۇسى بىلەن گۈزەللىك ئىسسىتىتىك تۇيغۇنى ئىپادىلەپ بەردىم . يەنە مەسىلەن كىرىيىنىڭ كىچىك تەلپىكىنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باش كىيىمى دىيىشكە بولىدۇ، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمدە تۈننىڭ قاراڭغۇلۇقىنى، ئۆلۈمنى ئىپادىلەيدىغان قارار رەڭ بىلەن دەل ئۇنىڭ ئەكسى بولغان كۈندۈزنىڭ ھەمدە روھى ئەركىنلىك، ئۈمىدنىڭ بەلگىسى بولغان كۆك رەڭنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى. ھەقىقىي گۈزەللىك، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى،خاس ئىستېتىك تۇيغۇسى بولالىغان مىللەتلا بۇ قارمۇ قارشى رەڭلەرنى ئۆزىنىڭ كىيىمىدە دادىللىق ھەم ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدۇ . مەن بۇ خىل كىيىنىش ئادىتىنى ھازىرقى زامان كىيىم پاسونىغا ئۆزلەشتۈردۈم . مەن ئىجادىيىتىمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى ھەم كەلگۈسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتۈرگىنىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىنكاسقا ئېرىشتى دەپ قارايمەن. ‏- سىز ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان بىر كىيىم لايىھىلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، شىنجاڭدا بۇ ساھەنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ‏- شىنجاڭ ناھايىتى مول كىيىم كېچەك لايىھىسى مەنبەلىرىگە ئىگە، ئەمما شىنجاڭدا بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ناھايىتى ئاستا . بولۇپمۇ كىيىم لايىھىلەش كەسپى خادىملارنىڭ يېتىشىشى كەمچىل بولماقتا . ئەمما بىزدە مول مەدەنىيەت مەنبەسى بار . بۇ ساھە يەنىلا يېتىشتۈرۈشكە مۇھتاج. ‏- سىز ئاز سانلىق مىللەت كەسپى كىيىم لاھىلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ ‏- شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم كېچەك لايىھىلەش كەسپىدە خادىملار يېتىشىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەتلا سەھنە كىيىملىرى ياكى مىللىي ئۆرۈپ ئادەت كىيىملىرىنى ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا، مېنىڭچە بۇ مىللىي ئەنئەنىلىكنى ھازىرقى زامان مودا پاسونلىرىغا ماسلاشتۇرالايدىغان ھەر جەھەتتە تاكامۇللاشقان سەۋىيىلىك كىيىم لاھگىلىگۈچى ھەم ئۇستىلىرى يېتىشىپ چىقىشى كېرەك. لېكىن ئىشىنىمەنكى مەن بىرىنچى قەدەمنى باستىم ئارقامدىن يېرتىشىۋاتقانلار چوقۇم چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىيىم كېچەكلىرى ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن چوقۇم جوڭگونىڭ ھەتتا خەلقارانىڭ سەھنىلىرىدە پارلايدۇ. بىزدە كىيىم كېچەك لايىھىلەش جەمئىيىتى قۇرۇلدى، بۇندىن كېيىن بۇ ساھە تېخىمۇ كەسپىلىشىپ ئىلگىرلىشى مۇمكىن، ئەمما خەلقئارالىق سەۋىيىگە ئېرىشىپ ئۈچۈن كىيىم لاھىلىگۈچىلىرىمىز ئۇنۋېرسال بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىشى، بازارغا يۈزلىنىشى كېرەك. ئەگەردە كەسپى جەھەتتە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولمىغاندا گەرچە ئۇلاردا ياخشى بىر ئىدىيە بولسىمۇ ئەمما ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىشى ناتايىن. - سىز ئاز سانلىق مىللەت كىيىملىرىدىن ئۆلگە ئېلىپ كىيىم لايىھىلەش جەريانىدا قايسى مىللەتنىڭ كىيىمىنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز؟ ‏- ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار شۇڭا ھەممىسىنى ياقتۇرىمەن. مەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇشۇ ئالاھىدە گۈزەل كىيىنىش ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ پارىژدىكى دۇنياۋى كىيىم پاسونلىرى قاتارىدا سەھنىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن شۇنداقلا شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن . مېنىڭچە بۇ ھەر قانداق كىيىم لايىھىلىگۈچىنىڭ ئارزۇسى. ‏- سىز بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق كىيىم كېچىكلەر ھەپتىلىك كۆرىكىدە ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىڭىزنى قايسى تەرەپتىن دەپ قارايسىز؟ ‏- مېنىڭچە بۇ شىنجاڭدىكى مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ غەلىبىسى، چۈنكى ئۇلاردا ئۆزگىچە خاسلىق بار، كىشىلەر دۇنيا پاسون سەھنىسىدە تۈرلۈك زامانىۋى پاسونلارنى كۆپ كۆرگەن بولسىمۇ ئەمما مىللەتلەرنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادەتلىرى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باشقىچە تۇيغۇ بەردى، ئالاھىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى، بىر خىل ئوخشىمايدىغان پەرقلىق مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھەس قىلدۇردى، ئەلۋەتتە بۇنى لاھىلىگۈچىنىڭ ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خۇددى ۋاڭلوبىڭ ئىجادىيىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى چەتئەچللەرگە يەتكۈزۈش شۆھرەت قازانغاندەك،مەنمۇ بىر كۈنى ئاز سانلىق مىللەت كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش بىلەن بۇ ساھەدە شۆھرەت قازىنىشىم مۇمكىن.

سۇن شىۇچىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھەربىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كىيىم لايىھىلىگۈچىسى، ئۇ ئۆلگە قىلىپ ئېيتقان ۋاڭلوبىڭ بولسا، ئىلگىرى شۇ سەنئەت ئۆمەكنىڭ كومپوزىتورى، شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ناخشا مۇزىكىلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ شۇنداقلا ئۆزگەرتىپ نوتىغا ئېلىپ ئۆز ئىجادىيىتى سۈپىتىدە چەتئەللەرگە سېتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر تەرىپىدىن ناخشا ئوغرىسى دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي. ئۇ داۋانچىڭ دەپ ئېلان قىلغان ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەمبەرخان ناخشىسى، ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ۋاڭلوبىڭ ئىجادىيىتى نامىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.