قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مۇناسىپ ئەھمىيەتكە ئېرىشتى
2005.01.03
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايوفنىڭ پەرمانىغا بىنائەن قازاقىستان سەنئىتىگە ھەسسە قوشقانلار قاتارىدا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بىر قىسىم ئارتىسلىرى ئوردېنلار بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى ۋە رېژىسسورى مۇھىد تېزىموفقا ئالىي مۇكاپات "قۇرمېت" (ھۆرمەت) ئوردىنى بېرىلدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىشلار بولدى. ھۆكۈمەت خىراتىجى بىلەن، تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ساۋۇتجان ئىسكەندەروفنىڭ "دەردى يوق دەمسەن مېنى" ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.
مۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئالىي مۇكاپات "قۇرمېت"(ھۆرمەت) بىلەن مۇكاپاتلانغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى ۋە رېژىسسورى مۇھىد تېزىموف ۋە "دەردى يوق دەمسەن مېنى " ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىسكەندەروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
©
2005 Radio Free Asia