0:00 / 0:00
21 - فېۋرال كۈنى قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتى ئىسسىق ئاتا ناھىيىسىدىكى نوۋېي باكرۇپكا مەھەللىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىي - مائارىپ مەركىزى قۇرۇلدى. مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 500 دىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، چۇ ۋىلايىتىنىڭ مەسۇللىرى تەبرىك سۆزى سۆزلىگەن. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىم، كىتاب ۋە مىللىي كىيىم - كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىنغان. سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.