نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ "مۇھەببەت دېگەن نېمە؟" ناملىق ئەسىرى


2006.05.25
orkishi-last.jpg
يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەدەبىي ئەسەرنى يازغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 10 يىللىق تۈرمىگە تاشلانغان تالانتلىق ياش ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىغا 1 يىل بولغان مەزگىلدە، بىز ئىنتېرنېتتىكى ئەدەبىيات سەھىپىلىرىنىڭ بىرىدىن ئۇنىڭ "مۇھەببەت دېگەن نېمە؟" ناملىق يەنە بىر نادىر ئەسىرىنى بايقىدۇق. بۇ ئوت يۈرەك ياش ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يازغان بۇ نەسىرىي ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارىشى ۋە ھېس-تۇيغۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

"ئۆركىشى" تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان نۇرمۇھەممەد ياسىن 1974‏- يىلى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن مارالبېشى ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتىنى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىن ئالغان قەلەم ھەققى بىلەن قامدايدىغان ئەركىن قەلەمكەش ئىدى. ئۇنىڭ "ئوينايدىغان بالا بارمۇ" ، "تۇنجى مۇھەببەت" ، "يۈرەك يىغلايدۇ" قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان ھەمدە 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بىر قانچە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

نۇرمۇھەممەد ياسىن "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن 2004‏- يىلى 11‏-ئاينىڭ 29‏- كۈنى قولغا ئېلىنىپ، 2005‏- يىلى 2‏-ئايدا مارالبېشى ناھىيىلىك سوت تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇ يىلى 5‏-ئايدا ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى تۈرمىگە يۆتكەلگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماي كەلگەن.

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟

نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ دېگەن بۇ سۇئال قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ سېھىرلىك مەنىسىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا تۇلىمۇ سىرلىق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، لېكىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا كونكرېتنى قىلىپ مۇھەببەت دېگەن مۇنداق بولىدۇ، دەپ ئېنىق بىر جاۋاپ بېرەلمىدى، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ۋە مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارشى ھەر خىل بولغاچقا ئۇنى كونكرېتنى بىر مەناغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن ئەمەس،

ھاياتىدا بىر قانچە قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بىر كىشىنىڭمۇ ھەر قېتىملىق مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ۋە مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچىسى ھەرخىل بولىدۇ، ھەتتا مەلۇم بىر دەۋر، مەلۇم بىر شارائىتتىكى مۇھەببەت كۆز قارىشىمۇ ھەرخىل بولىدۇ، شۇڭا مۇھەببەتنى كونكرېتنى بىر مەنا دائىرىسىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن ئەمەس، مۇھەببەت مۇشۇنداق تەكرار سۇنىدىغان ئەينەككە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قەلبىگە داۋاملىق ئۆزىنىڭ شولىسىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئۇ مەڭگۈ يېڭى ھالەتتە ئۆز سىھرى قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەن،

كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق تۇيغۇغا ئەسىر بۇلۇشى بەلكىم ئۇنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى چىكىپ ئۆتسىمۇ، بىراق ئازلا قەلىبنىڭ دېرىزىسىدىن كىرىشكە نېسىپ بولىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك،

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇھەببەت بىرخىل تەشنالىقتىكى قەلىبكە راھەت بېغىشلىغۇچى بۇلاق سۈيىگە ئوخشايدۇ، تۇمۇز ئىسسىقتا چاڭقىغان بىر پادىچى يول بويىدىكى ئېرىقتىن ئۇچۇمى بىلەن قېنىپ تۇرۇپ بىر ئىچىۋالسا ئۇنىڭ لەززىتىگە بىر نەرسە توغرا كەلمەيدۇ، يىراق مەنزىلدىن ھېرىپ كەلگەن بىر كىشى ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ "ئۇھ، ئاخىرى قايتىپ كەلدىم"، دەپ بىر قېتىم راھەتلىنىپ سۇزۇلۇپ يېتىۋالسا بۇمۇ ئوخشاشلا چەكسىز ھۇزۇر، تۈن بويى كىرپىك قاقماي ئەسىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى چىكىتىنى قويغان بىر يازغۇچىنىڭ خۇشاللىقىمۇ ئوخشاشلا چەكسىز ھۇزۇرلىنارلىق ئىش، مانا بۇلار مۇھەببەتنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى،

ماھىيەتتە مۇھەببەت مۇشۇنداق بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇ، ئۇنىڭ شەكلى خىلمۇ-خىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئېنىق تەبىر بىرىش مۇمكىن ئەمەس،

خېلىل جىبران ئىنتايىن ئوبرازلىق قىلىپ شۇنداق سۈپەتلەيدۇ: "مۇھەببەت ساڭا تاج كەيدۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا سىنى دارغىمۇ ئاسالايدۇ، ئۇ سىنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرەلەيدۇ ھەم سىنى كېسىپ تاشلىيالايدۇ، ئۇ سىنىڭ ئەڭ ئىگىز شاخلىرىڭغا چىقىپ ئاپتاپتا شادلىنىپ تۇرغان شاخ، يوپۇرماقلىرىڭىنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ چۇڭقۇر جايلىرىڭغا چۆكۈپ يىلتىزىڭنى قومۇرۇپ تاشلاپ، سىنى زېمنىدىن ئايرىۋىتەلەيدۇ، سەن بىر قولتۇق بۇغداي،مۇھەببەت سىنى باغلايدۇ، مۇھەببەت سىنى ئورۇپ- سوقۇپ، سامىنىڭدىن ئايرىپ يالىڭاچلايدۇ، مۇھەببەت سىنى ئاسمانغا ئېتىپ سورۇيدۇ، تاسقايدۇ، ئادالايدۇ، ئۇ سىنى تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ئىزىپ ئۇنغا ئايلاندۇرىدۇ، مۇھەببەت سىنى يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ مۇقەددەس ئوتقا سېلىپ،پىشۇرۇپ، ئاللاھنىڭ داستىخىنىدىك مۇقەددەس غىزاغا ئايلاندۇرىدۇ، مۇھەببەت مانا مۇشۇنداق بىر جەريان، ئۇ سىنى ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭنى تۇنۇتىدۇ، مۇشۇنداق بىلىش جەريانىدىلا سەن ئاندىن ھاياتلىق يۈرىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىسەن"،

دىمەك جاھانغا مەشھۇر بۇ ئاشىق ۋە مۇھەببەت كۈيچىسى مۇھەببەتنى مۇشۇنداق سىرلىق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىگەن،

ھەقىقەتەن مۇھەببەتنى ئېنىق بىر سۈپەتكە ئىگە قىلىش تەس، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش تېخىمۇ تەس، ھەربىر ئادەمنىڭ ئېڭىدا ئۇنىڭ خىلمۇ خلى ۋاريانتى، خىلمۇ - خىل تەبىرى بار، كۆپلىگەن كىشىلەر بىردىنلا ئۆزىمۇ سەزمىگەن بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالىدۇ، ئۈزىدىن : "ئۇنىڭ نەرىنى ياقتۇرۇپ قالىدىڭ" دەپ سورىسا كونكرېتنى قىلىپ: "پالانى يېرىنى" دېيەلمەيدۇ، لېكىن، ئۆزىگە ئايانكى ئۇ قارشى تەرەپنىڭ نەرىنى ياخشى كۈرۈپ قالغىننى دەپ بېرەلمىگەن بىلەن بەرىبىر ئۇنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيىدۇ، بۇ بىر ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان مۇتلەق ھەقىقەت، مۇھەببەت قانچىلىك سىرلىق،يۇشۇرۇن بولمىسۇن ھامان ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىز ۋە تۇيغۇڭىزدىكى بىر جەريان، ئۇ ھامان سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا يۈز بىرىدۇ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭزدا تەكرارلىنىدۇ، جىبران ئېيتقان ئۇ خىل ھالەتمۇ ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتنىڭ مەلۇم بىرخىل شەكلى، ئۇنىڭ قالغان شەكىللىرى يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ ۋۇجۇدىدا يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرماقتا،

مۇھەببەت بىرخىل ئۈزىنى ئىپادىلەش، بىرخىل ئۈزىنى قانائەتلەندۈرۈش، بىرخىل ئېھتىياج ياكى ئۇنىڭ قاندۇرلۇشى، بىر خىل يۈشۈرۈنلۇققا يۈزلىنىش ۋە ئاشكارلىققا ئۆتۈش، ئىشقىلىپ سىز مەلۇم بىر شەخسنى ياخشى كۈرگەنكەنسىز ئويلىمىغان يەردىن ۋۇجۇدىڭىزدا ئىپادىلىنۋاتقان خىلمۇ-خىل ئۆزگىرىشلەرنى بايقايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىسىز، بۇ خىل ھادىسە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا يۈز بەرگەنكەن، دىمەك سىزدە مۇھەببەت پەيدا بولغان بولىدۇ ھەم شۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ مەيلى ئۇزۇن بولسۇن، مەيلى قىسقا بولسۇن، مەيلى ئازابلىق ياكى خۇشاللىنارلىق بولسۇن ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بايلىق سۈپىتىدە قەلبىڭىزدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ،

قىسقىسى سىز كونكرېتنى بىر جانلىق بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھامان ھاياتىڭىزدا مۇھەببەتلىشىشتىن خالىي بولالمايسىز، ئۇ قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ،قەلبىڭىزنى قانچىلىك ئىتىۋالماڭ بەرىبىر ئۇنىڭ يوچۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدۇ، ئۇنى توسۇپمۇ تۇسۇپ بۇلالمايسىز، شۇڭا سىزگە بېرىدىغان مەسلىھەتىم شۇكى سىز ئۇنىڭغا تەبىر ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ، قەلبىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىز ئاخىرى ئۇنىڭ مۇۋاپىق تەبىرىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ،

مارالبېشى ناھىيىسى 2004 – يىل 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كەچ سائەت 12 دە يېزىلدى،

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.