ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتى بىلەن ئۇنى تەرجىمە قىلىش قەدىمى بىر - بىرىگە ماسلىشالمىغان.

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر نېمە؟ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىيات ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سۈرەييە خانىمنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرى قانداق؟