خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا(1)


2005.10.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان "ئۇلۇق ئېرا گېزىتى" دە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان يېمەكلىكلەر ھەققىدە مەخسۇس مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر مەلۇماتلاردا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان 55 تۈرلۈك ساختا ھەم زەھەرلىك يېمەكلىكلەر تىزىملىكى، ئۇلارنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى ۋە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ سالامەتلىككە زور تەسىر كۆرسىتىپ ھەتتا كىشىلەرنى ساقايماس راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدىغانلىقى بىر - بىرلەپ كۆرسىتىلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ساختا ھاراق، ساختا سۈت پارىشوگى، ساختا كۆكتات، ساختا گۈرۈچ، ساختا ئۇن، ساختا ماي قاتارلىق يېمەكلىكلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەر ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلانغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بۇ خىل ساختا يېمەكلىكلەر يەنىلا ھەممىلا جايغا يامراپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىنمىغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.