سۇلتان مۇھەممەتنىڭ "ۋەتەن" ناملىق CD پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىقماقچى


2004.11.04

داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور سۇلتان مەمەت ئەپەندى ئورۇندىغان ناخشىلارنىڭ "ۋەتەن" ناملىق تۇنجى چد پىلاستىنكىسى تەييارلىنىپ، پات ئارىدا تارقىتىلماقچى.

سېنىڭ قوينۇڭدا كۆز ئاچتىم، سېنىڭ زىممىڭدە ئىلكىڭدە، سىلاپ باشىمنى چوڭ قىلدىڭ، ئانامدىن چارە مېھرىڭدە، ۋەتەن سېنىڭ ئانا مېھرىڭ ھامان زىممىمگە يۈكلەكلىك، شۇڭا بىزگە شەرەبلىكتۇر سېنىڭ يولۇڭدا ئۆلمەكلىك. (" ۋەتەن " ناملىق ناخشىدىن)

sultan-k.jpg

خۇددى ناخشىدا تەرىپلەنگىنىدەك ۋەتىنىدىن ئايرىلغان، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن " ۋەتەن " سۆزىنى دائىم ئاڭلايسىز، سۇلتان مەمەت ئاكا ئەنە شۇلاردىن بىرى.

جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن " ۋەتەن " ناملىق بۇ ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغانمۇ دەل سۇلتان مەمەت ئاكىنىڭ ئۆزى. 1962 -يىلى، ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان سۇلتان مەمەت ئاكا، يۇرتى غۇلجىدىن ئايرىلىپ، تاشكەنتكە جايلىشىدۇ ۋە 1972 - يىلى ئۆزبېكىستان رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبېلىدا يېتەكچى سەنئەتكار بولۇپ خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشىدۇ.

سۇلتان مەمەت ئاكا سەنئەت ھاياتىدا يەنە، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا قايتا رەتلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئۇ، 12 مۇقامنىڭ مۇقەددىمە قىسىملىرىنى ئورۇندىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

(ئاۋاز)

سۇلتان مەمەت ئاكا مەزكۇر تۆھپىلىرىدىن سىرت، مۇقام كونسىرتلىرىدا رول ئېلىپ، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس چەتئەللىك تاماششىبىنلار ئارىسىدىمۇ چوڭ شۆھرەت قازىنىدۇ.

بىر قانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سۇلتان ئاكا، نيۇ-يورك ۋە ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە خۇش - خۇي مۇلايىم مىجەز خۇلقى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، ئۇيغۇرلار سۇلتان ئاكا بار سورۇنلاردا ۋە مەشرەپلەردە خۇددى ئۆزىنى ۋەتەندە تۇرغاندەك ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، بۇ ھەقتە ئۆز قەلىپ سۆزىنى ئېيتقان بىر خانىم مۇنداق دەيدۇ.

(ئاۋاز)

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇغلۇق ئابدىرازاق، تۇردى غوجا، غۇلامىدىن پاختىلار ۋە ئامېرىكىلىق تېرري ئېرىكسون قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلىش تەشەببۇسى بىلەن، سۇلتان ئاكىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا چد پىلاستىنكىسى ئىشلەندى. ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدا بېشىغا چىرايلىق دوپپا كىيگەن ۋە ئۇيغۇرچە ياسانغان قولىدا دۇتار تۇتقان سۇلتان مەمەت ئاكىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن چد پىلاستىنكىئىسىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى سۆيۈنمەي قالمايدۇ.

مەزكۈر ناخىشىلارنىڭ تەييارلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان تۇغلۇق ئابدۇرىزاق ئەپەندى مۇنداق دىدى.

(ئاۋاز)

ھەقىقەتەن تىرشچانلىق كۆرسەتكەن يەردە، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، سۇلتان ئاكا " ئەگەر ئاللاھ كۈچ ئاتا قىلسا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر سەنئىتىنى بېيىتىشقا، چەتئەل خەلقىگە تونۇتۇشقا ئاداققىچە تەييارمەن " دىدى.

(ئاۋاز)

ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىكى مۇقەددەس سەنئەت ئىلاھى سۈپىتىدە كىشىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت ۋە ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىپ كەلگەن " 12 مۇقام"، ئۇيغۇر سەنەت نەمۇنىلىرىدىن " دولان سەنىمى " نىڭ ئامېرىكىدا ياڭرىشى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.