كالىفورنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى جەريانىدىكى سۆھبەتلەر


2007.10.30

California-Senet-200.jpg
27 - ئۆكتەبىر بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى. RFA Photo / Jume

27 - ئۆكتەبىر بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 6 دە باشلىنىپ كەچ سائەت 11 لەر ئەتراپىدا ئاياغلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەت بېركېلىي شەھىرى ئەتراپىدا ۋە سان فرانسىسكودا مەلۇم دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ۋە مەزكۇر پائالىيەتتە تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە سان فرانسىسكودىكى نوپۇزلۇق گېزىت سان فرانسىسكو كورونىكول گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى مەزكۇر پائالىيەتكە تېخىمۇ قايناق تۈس قوشتى

بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىشلار ئىچىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئورۇنلىغان ھەر تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرى ۋە بەدىئىيلىكى ئىنتايىن يۇقىرى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق مەزكۇر پائالىيەتكە تېخىمۇ قايناق ۋە گۈزەل تۈس قوشتى.

ھازىر فرانسىيىدە ئېتنىك مۇزىكا ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇقەددەس مىجىت ئورۇنلىغان لەرزان ئۇيغۇر ئۇسۇلى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت خانىم: " ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ"

بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيىدىن كېلىپ قاتناشقان سەنئەتكارلار ئىچىدە، گېرمانىيىدە كوپ قېتىم گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئاچقان ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل سەنئەتتىن ئىبارەت يەنە بىر يارقىن ۋارىيانتىنى پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا نامايان قىلدى.

مەرۋايىت خانىم ئۆزىنىڭ شۇنچە يىراقتىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەيلى بىر سائەت ۋە مەيلى بىر مىنۇتلۇق بولسۇن ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەھىمە دولان: "ئۆزۈم پەخىرلىنىدىغان مەدەنىيەتنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشنى ئويلىدىم"

پائالىيەت جەريانىدا مەلۇم سەۋەنلىكلەر سادىر بولغانلىقىنى ئەمما پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە مۇشۇ پائالىيەتنى باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان رەھىمە دولان، پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا يولۇققان ھەرخىل مەسىلىلەرگە قارىماي، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ پائالىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە جاۋاب بېرىپ "ئەقەللىيسى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىگە تونۇتۇش" دەپ جاۋاب بەردى.

ئالىم سېيىتوف: "ئۇيغۇر ئېلىنى شىنجاڭ دەپ ئاتاش بىر نومۇسسىزلىق"

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، گەرچە بۇ پائالىيەت جەريانىدا بەزى سەۋەنلىكلەر سادىر بولغان بولسىمۇ، پائالىيەتنىڭ ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمما ئۇ يەنە، پائالىيەت جەريانىدا سادىر بولغان ئاتالغۇ جەھەتتىكى خاتالىقلارغا ئىزاھات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى " شىنجاڭ" دەپ ئاتاشنىڭ تارىخى جەھەتتىن خاتا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالىم سېيىتوف يەنە، ئەگەر بۇندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يېقىندىن كۆزىتىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن ئۆز ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتۇر لىلىيان: "بىز بىرمۇ بايراق ئاسمىدۇق، چۈنكى بىز بىر دۆلەتنى ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتنى تەبرىكلەيمىز"

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان، ھازىر كالىفورنىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل ئاتاۋۇللا ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان تەرەپلىرىنىڭ بىرىنى ھېچ بولمىغاندا 27- ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتنىڭ سان فرانسىسكو جامائىتى ئارىسىدا دىققەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنى ۋە سان فرانسىسكودا چىقىدىغان گېزىتلەردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پائالىيەتتە سادىر بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، شۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەب بولغان نەرسىنىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىنىڭ باشقا ئۇيغۇر جامائىتىگە مەلۇم جەھەتتىن مەخپىي تۇتۇلغانلىقىدىن بولغان دەپ كۆرسەتتى.

بۇ پائالىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتلەردىن يېقىندىن ياردەمدە بولغان بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دوكتۇر لىلىياننڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كەلگۈسىدىمۇ يەنە مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

دوكتۇر لىلىيان يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ يەردە بىر دۆلەتنى ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "بىز بۇ يەردە بىرمۇ بايراق ئاسمىدۇق، چۈنكى بىز بۇ يەردە بىر دۆلەتنى ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتنى تەبرىكلەيمىز" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.