ئۇيغۇرلار ستوكھولىمدىكى گۈزەل - سەنئەت گېمنازىيە مەكتىپىدە تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

7 ‏- مارتتىن باشلاپ ستوكھولىم گۈزەل‏-سەنئەت گېمنازىيە مەكتىپىدە ئىككى ھەپتىلىك ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن كامىلا رىنمان ۋە ئۇنىڭ بىرقىسىم ساۋاقداشلىرى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار مەكتەپ دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللار ۋە رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئېچىش، نۇتۇق سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار نىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى، ھازىرقى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نۇتىقىغا يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىشتىراك قىلغان.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى كامىلا قىزچاقنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى ئۇچۇرنى ئۇزۇندىن بىرى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيىدە تونۇلۇشىغا كۆپ تۈرتكە بولغان 4 ‏- دۇنيا جەمئىيىتىدىكىلەردىن ئالغان ئىكەن.

كامىلا قىزچاقنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئويناپ بەرگەن فىلورە قىزچاق تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.

كامىلە قىزچاق ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : "مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە 4‏ - دۇنيا جەمئىيىتىدىن ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قىزىقتىم. شىۋېتسىيىدە بىز قۇراملىق ياشلار ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا بىلمەيدۇ. مېنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ پائالىيەتنى مەكتەپ دائىرىسىدە يەنە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىش ۋە باشقا مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىش ئارزۇيۇم بار." (يالقۇن)