0:00 / 0:00

16 – ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە "قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى" قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئۇيغۇر تىياتىر بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا مەخسۇس تەكلىپنامە بىلەن 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. تىياتىر رەھبىرى مۇرات ئەخمىدى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. تىياتىرنىڭ 70 يىللىق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنۈپ تۇرغان سەھنىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى كۆرسىتىلدى. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ مىھمانلىرى قاتىرىدىن ئورۇن ئالدى.
قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ پارلاق تارىخى ۋە بۇ قېتىمقى خاتىرىلىەش پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتىغا غا قىززىقسىڭىز، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.