"ياۋا كەپتەر" (3)

0:00 / 0:00
orkishi.jpg

سۆز ئەركىنلىكى ئاللا تائالا تەرىپىدىن ئىنسانلارغا بېغىشلانغان ئەڭ دەسلەپكى سوغىلارنىڭ بىرى. ئىنسانلارمۇ ئۇنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېلېمىنتلىرىنىڭ بىرى دەپ تونۇپ، سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغان جايلاردا كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

لېكىن، بەزى دۆلەتلەر ھېلىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەم بولمىسا بولمايدىغان بىر تەركىبىي ھېسابلانغان سۆز ئەركىنىلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ھەتتا ئويلاش ۋە پىكىر قېلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرماقتا.

ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايىسى تۈپەيلىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ، ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ مىسالى بولالايدۇ .

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ مەزكۇر ئەسىرى "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىغا بېسىلغان بولۇپ، نورۇز ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا يوللانغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ، ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن سىرت، "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنى مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇردى.

روللاردا

ياۋا كەپتەر – ئۆمەر قانات كەپتەرنىڭ ئانىسى – پەرىدە يېشى چوڭ كەپتەر – ئىلتەبىر ياش كەپتەر – ئەركىن بالا كەپتەر – گۈلچېھرە

كىرىشتۈرگۈچى – پەرىدە