"20 – ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرلىرى" ناملىق كىتاب رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى


2005.06.10

يېقىندا ئالماتادىكى "بىزنىڭ ئالەم" نەشرىياتى ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇللا سامساقوفنىڭ "20 – ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرلىرى" ناملىق رۇسچە كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.

مەزكۇر كىتابقا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلاردا ياشاپ، ھەر ساھەدە خىزمەت كۆرسەتكەن 400 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمىھالى رەسىملىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، ئالماتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىيارتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئالىمى، پروفېسسور مەخمۇد ئابدۇراخمانوف ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ كىتابقا بولغان قاراشلىرىنى سورىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.