"قاراجۇلدىكى جەڭ" ناملىق كىتاپ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

0:00 / 0:00
qarajuldiki-jeng-hip.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى يازغان "قاراجۇلدىكى جەڭ" ناملىق كىتاپ ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر شەرقىي تۇركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى قەشقەر بيۇروسىنىڭ باش سېكرېتارى مەرھۇم قوماندان ئاخۇنوپ ۋە سەپداشلىرىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئالتە باب، 256 بەتتىن تەركىپ تاپقان.

ئاپتور بۇ ئەسەردە شەرقىي تۇركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى قەشقەر بيۇروسىنىڭ باش سېكرېتارى ئاخۇنۇپ ۋە سەپداشلىرىنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۇنى ئاتۇش ۋىلايىتىنىڭ قىزىلسۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن.

كىتاپنىڭ ئاپتورى بۇ ۋەقەگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەرنى "قاراجۇلدىكى جەڭ" ناملىق كىتابىغا مۇجەسەملەندۇرگەن.

كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز كىتابنىڭ ئاپتورى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن كىتاپ ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.