
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى"ناملىق رومانىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل ئەينەكچىلىك قىلىش يولى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقى ھەققىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ؛
"بىر دانە ئالماس قىيغۇچ، بىر دانە ياغاچ جازا-كاتەكچە، بىر قۇتا سىر ۋە زاماسكا ھەم بىر نەچچە تاختا ئەينەك، بارلىق دەسمايە ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت خالاس" دەپ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشى ھەققىدە ئۆز بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ زىيا سەمىدى.
ئەخمەت ئەپەندى دىيانەتلىك كىشى ئىدى
زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە؛ ئەخمەتجان قاسىمى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن جابدۇقلىرىنى كۆتىرىپ يۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئىش ئىزدەيدۇ، بەزىدە ئىش تاپىدۇ، بەزى كۈنلىرى ئىشسىز قالىدۇ. ئۇ ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا ۋە ماھىر ھەم ئەستايىدىل بولۇپ، خېرىدارلارنى رازى قىلىدۇ، ھېچ قاچان كۆپ پۇل سورىمايدۇ بەلكى بەرگەننى رەھمەت دەپ ئالىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە؛ ئەينەكچىلىك ئەخمەتجاننىڭ جەمىيەت بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق جەمىيەت تەكشۈرۈش ۋە تەشۋىقات-تەرغىباتچىلىق ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ مىللىي تۇيغۇسىنى ھەم گومىنداڭ مىللىتارىستلىرىغا نىسبەتەن قارشىلىق كۆرسىتىش ئىدىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەخمەتجان بىلەن ئۇچراشقان ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ پاك –دىيانەتلىك، سالماق، كەمتەر ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلىك شۇنىڭدەك بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى كۆرۈش سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ.
ئەخمەت ئەپەندى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى ئىدى

زىيا سەمىدى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە مەخسۇس بايان قىلماستىن بەلكى، ئۇنىڭ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتقان ۋاقتىدىكى ساقچى باشلىقى لى يىڭچىنىڭ ئۇنى سوراق قىلغىنىدىكى دىئالوگلار ئارقىلىق ئەخمەتجاننىڭ ئۆز ئاغزى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ، دادىسى باشقىلار تەرىپىدىن سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاغىسى ئۆمەر قاسىمىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكى، ئۇ يەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ تەربىيىسى ئالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى "رومانىدىكى ئۇچۇرلارغا تايانغاندا؛ ئەخمەتجان قاسىمى ئالدى بىلەن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئۇنى ئالى دەرىجىدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باشقا ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن موسكۋادىكى شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان ھەمدە ئۇ يەردىكى ئوقۇشنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىغان.
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى ھايات پائالىيىتى ھەققىدە زىيا سەمىدىنىڭ بايانلىرىغا قوشۇمچە قىلغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى شۇنىڭدەك تارىخچى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئەخمەتجاننىڭ موسكۋادىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، تاشكەنتكە قايتىپ كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى شۇنىڭدەك رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلغان رۇس ئالىمى، پروفەسسور بارمىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بىر مەزگىل تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاسپىرانت بولۇپ ئوقۇغانلىقىنى يازىدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى تۈرمىدىن چىقىپ، تەخمىنەن بىرەر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت غۇلجا شەھرىدە ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، 1944-يىلى 7-نويابىر "ئازادلىق تەشكىلاتى" غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئاتقان كۈنى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوماندانلىق شىتابىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنى ئىنقىلاب سېپىغا ئاتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا خەلق ئىچىدە تونۇلۇشقا ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىبار بېرىلىپ، يۇقىرى رەھبىرى خىزمەتلەرگە جەلىپ قىلىنىشقا باشلايدۇ.(ئۈمىدۋار)