
1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئىلى ۋىلايىتىنى ئازاد قىلىپ بولغاندىن كېيىن، 1945- يىلى 8- ئاپرېلدا مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە تەسىس قىلىش بىلەن جىددىي ھەربىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىشقا تەرەددۇت قىلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى پولكوۋنىك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلۇش بىلەن ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىق ھەربىي ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.
ئۈچ يۆلۈنۈشتە جەڭ قىلىشنىڭ شەرت –شارائىتى پىشىپ يېتىلدى
مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۈچ يۆلۈنۈشلىك ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانىنىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈچ يۆلۈنۈشلىك جەڭ قىلىش لايىھىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە يازغان.
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، 1945-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مىللىي ئازادلىق كۈرەش يېڭى باسقۇچقا كىرىپ، ئۇنىڭ دائىرىسى ھەر جەھەتتىن كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. دۆلەت سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىمۇ مۇنتىزىملىشىشقا باشلىدى. مالىيە-ئىقتىساد تەرتىپكە سېلىنىپ دۆلەت بانكىسى، يېزا-خوجىلىق بانكىسى، پوچتا-تېلېگراف قاتارلىق ئورۇنلار ئىشقا چۈشتى.
"تەرەققىيات شىركىتى" سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن سودا-سېتىق مۇئامىلىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى كەڭ تۈردە يۈرگۈزدى. نەتىجىدە خەلقنىڭ ئىستىمال بۇيۇملىرى مولچىلىققا قاراپ يۈزلەندى. يېزا-خوجىلىق بانكىسى دېھقان-چارۋىچىلارنى ياردەم پۇلى ۋە سوقا-سايمان بىلەن تەمىنلىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھۆكۈمەت قەرەللىك زايوم تارقاتتى ۋە پۇل-مۇئامىلىنى تەرتىپكە سېلىپ، مەخسۇس پۇل چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئومۇمى ئىقتىسادىي جانلىنىش مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمۇ راۋاجلىنىشقا ھەم تەرەققى قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. خەلق ئازادلىقنىڭ تەمىنى تېتىشكە مۇيەسسەر بولدى، ئۇلار مۇستەقىللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، قولغا كەلگەن بۇ قىممەتلىك نەرسىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدلىرىنى ئاتا قىلىپ، ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىدىن تولۇق تازىلاپ، ئازادلىق بايرىقىنى ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدە جەۋلان قىلدۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى.
ئىلى ئىنقىلابىنىڭ غەلبە ئىلھامى

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ غەلبە ئىلھامى ۋە تەسىرى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك يەر ئاستى تەشكىلاتلار، پارتىزانلىق ئەترەتلىرى تەشكىل قىلىنىپ، گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنى تەۋرىتىۋەتتى.
بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ۋۇ جوڭشىڭ باشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش تاكتىكىسى قوللىنىپ، تۈرمىلەردىكى بىگۇنا سولانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ زىيالىلىرىنى قويۇپ بېردى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن ھەر قايسى ناھىيىلەرگە باشلىق تەيىنلىدى ۋە مەخسۇس تەشۋىقات گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ھەر قايسى جايلارغا ئەۋەتىپ، خەلقنى ئالدىماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە، گومىنداڭنىڭ ئالدامچىلىق تاكتىكىلىرى ۋە ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى قارىلاپ تەشۋىق قىلىشلىرى ھېچنېمىگە ئەرزىمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە گومىنداڭ قوشۇنىدىكى ئۇيغۇر جەڭچى-ئوفېتسىرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب سېپىغا قوشۇلدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مايتاغدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئىلىغا يېتىپ كەلگەن قەھرىمان سوپاخۇن ۋە باشقىلار ئىدى.
ئۈچ يۆلۈنۈشتە جەڭ قىلىش پىلانى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر
زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئەخمەتجان سەپدىشى رەھىمجان سابىر ھاجى بىلەن بىرلىكتە ئايرودرومغا يېقىن جايغا جايلاشقان مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىغا يېتىپ كېلىپ، باش قوماندان ئىسھاق بەگ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
قوماندانلىق شىتابىدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ، زۇنون تېيىپوۋ ۋە باشقىلار ئۈچ يۆلۈنۈش جەڭلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ؛ بۇ يەردىكى ئاساسىي نۇقتا جەنۇبىي يۆلۈنۈش مەسىلىسى بولۇپ، مۇزداۋان ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بۇ جايلاردا خەلقنى قوزغاپ، ئۇرۇش سېپى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان پىكىرلار مەيدانغا چىقىدۇ. ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ۋاقتىنچە جەنۇبىي يۆلۈنۈش پىلانىنى توختىتىپ قويۇپ، پۈتۈن كۈچنى ئوتتۇرا يۆلۈنۈشكە قارىتىپ، ئۈرۈمچىگە ئۇدۇل يول ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما ، ئەخمەتجان قاسىمى بۇ پىكىرگە قوشۇلماي، جەنۇبتىمۇ جەڭ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
جەنۇبىي فرونت-مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى

باشقا تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئېلىخان تۆرە جەنۇبىي يۆلۈنۈشتە جەڭ قىلىش پىلانىنى قوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىنقىلابنى قەشقەرىيىگە كېڭەيتىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش شۇنىڭدەك قەشقەرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ھىندىستان، ئافغانىستان مەملىكەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يېڭى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خەلقارا جەمىيەتكە بىلدۈرۈش ئىكەن.
ھەربىي كېڭەشتىكى مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئاخىرى بەزىلەرنىڭ جەنۇبقا ئەۋەتىلمەكچى بولۇنغان سوپاخۇن پارتىزانلىرىنى "تېخى يېقىندىلا گومىنداڭ تەرەپتىن كەلگەن، شۇڭا ئۇلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ" دەيدىغان كۆز قاراشلىرى ئىنكار قىلىنىپ، جەنۇبىي يۆلۈنۈشكە ھۆكۈمەت ۋەكىلى ھەم ھەربىي-مۈلكى ئىشلارنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ۋە قاسىمجان قەمبىرىنى بەلگىلەش، ھەربىي ئىشلارغا سوپاخۇن يېتەكچىلىك قىلىش قارار قىلىنىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبتىكى ئۇرۇشقا قاسىمجان قەمبىرى، ئاببدۇكېرىم ئابباسوپ شۇنىڭدەك سوپاخۇن ئەترىتىدىكى جەڭچىلەرنى ئەۋەتىشتىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىن جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىن كەلگەن، ئۇ جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان ئەزىمەتلەر ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغان ئىكەن.
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاخىرىدا ئۈچ يۆلۈنۈشلىك جەڭ قىلىش پىلانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە رەئىس ئېلىخان تۆرىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، جەنۇبىي يۆلۈنۈشكە داموللا رازىنى دىنىي ئىشلار بويىچە مەسلىھەتچى ۋە قوشۇننىڭ ئىمامى قىلىپ تەيىنلەيدۇ؛
زىيا سەمىدىنىڭ كىتابىغا قوشۇمچە ھالدا شۇنى قوشۇش مۇمكىنكى، بەزى تارىخىي شاھىدلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە؛ ئېلىخان تۆرە سوپاخۇن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا جەنۇبنى ئازاد قىلىشتىن قەتىي يانماسلىق ھەققىدە يول يورۇق بېرگەن ئىكەن.
مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۈچ يۆلۈنۈش جەڭ پىلانى ئوتتۇرا يۆلۈنۈش، شىمالىي يۆلۈنۈش ۋە جەنۇبىي يۆلۈنۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئوتتۇرا يۆلۈنۈش جىڭ-شىخولارنى ئېلىپ ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە بېسىپ كىرىش، شىمالىي يۆلۈنۈش تارباغاتاي-ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىش، جەنۇبىي يۆلۈنۈش بولسا، شىمالدىكى ئۇرۇشلارغا ماسلىشىپ، دۈشمەننىڭ مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلەن دۈشمەننى قامال قىلىش ئىدى. بىراق، جەنۇبقا چۈشكەن جەڭچىلەرنىڭ مەقسىدى پۈتۈن جەنۇبىي ۋىلايەتلەرنى دۈشمەندىن ئازاد قىلىش ئىدى. (ئۈمىدۋار)