
1945-يىلى 6-ئايلاردا باشلانغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى، ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان قەھرىمان مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئاجايىپ قەھرىمانلىقلىرى ۋە مەرتلىكلىرى بەدىلىگە زور غەلبىلەرگە ئېرىشتى.
غەلبە –ئادالەت ۋە باتۇرلۇققا خاستۇر
تېخى يېڭىدىن تەشكىل قىلىنىپ، مۇنتىزىم ھەربىي-تەلىم تەربىيە كۆرگىنىگە پەقەت بىر قانچە ئايلا بولغان ئۇيغۇر دېھقان ۋە شەھەر ياشلىرى، قازاق ھەم موڭغۇل چارۋىچى چەۋەندازلىرى، تۇڭگان ۋە شىۋە پىداكارلىرى ئۆزلىرىدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ھەم ئۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇزۇن يىللار مۇنتىزىم زامانىۋى ھەربىي تەلىم –تەربىيە كۆرگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ جەڭلەرگە يەنە 20-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، 30-يىللاردا جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىللىتارستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرىشىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەدىلىگە شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراپ، "ياخشىلىققا يامانلىق" مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۆز خاتالىقىنى تونۇغان سابىق چار رۇسىيە ئوفىتسېرلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى قابىلىيەتلىرىنى جارى قىلدۇردى. مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدى "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق تارىخىي رومانىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
" شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشىر-ئەپكارلىرىدا، گېزىتلەردە مىللىي ئارمىيىنىڭ غەلبىسىرى ئالغا بېسىشى، جەڭگىۋار پائالىيەتلىرى، جەڭچىلەرنىڭ قەھرىمانلىق جاسارەتلىرى ۋە خەلقنىڭ ئارمىيىگە يار-يۆلەك بولۇشلىرى ھەققىدە ھەر كۈنى خەۋەرلەر بېسىلىپ تۇردى. ئاخىرى ھەممە گېزىتلەر چوڭ خەتلىك ھەرپلەر بىلەن مۇنداق مەلۇمات بەردى..
1945-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى شىخو ناھىيىسى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جىڭ ناھىيىسى ئازاد قىلىندى".
دېمەك، بۇ تەرىقە تارىخىي ئەھمىيەتلىك شانلىق غەلبە ئىنقىلابىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئۇنى چاڭقاپ كۈتكەنلىكىنى ھەم قوللاپ-قۇۋەتلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئومۇمىي يۈزلۈك چوڭ غەلبىنى تەمىن ئېتىشتىكى كۈچ مەنبەسى ئىدى.
مىللىي ئارمىيە شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئىدى
زىيا سەمىدى مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق غەلبىلىك جەڭلەردە تاۋىلىنىپ، خۇددى شوخشۇپ تۇرغان توسۇن ئات كەبى گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق جۇمھۇرىيەت ۋە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن شوئارلار يېزىلغان مىللىي ئارمىيە بايراقلىقىنى ئۈرۈمچىگە قاداش ئۈچۈن ئالغا ئىنتىلگەنلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ؛
" دېمەك، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۇۋىسى بولمىش ئىستىھكام قورغىنى ئۈرۈمچىگە ئۇتتۇرر تەھلىكە سېلىندى-دە، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھودۇقۇش، قورقۇنۇچ ھاسىل بولدى. مەركەز ئۈرۈمچى شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلەردىن ھالقا ئىچىگە يەنى مۇھاسىرىگە ئېلىندى. ئەمدىلىكتە 30 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلانغان مىللىي ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ھېسابلاشماي چارىسى يوق، چۈنكى مىللىي قىسىملار ئۈرۈمچى بوسۇغۇسى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كۈچلۈك پوزىتسىيە تۇتۇپ دۈشمەنگە بىۋاستە تەھدىد سېلىپ تۇراتتى. ئىككىنچى جەھەتتىن دائىرىسى كەڭ، بايلىقى مول شارائىتى قولايلىق ئۈچ ۋىلايەت تولۇق ئازاد قىلىنغان ئىدى."
زىيا سەمىدى ئۆز رومانىدا يەنە بۇ مەزگىلدە ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ئومۇمىي يۈزلىك ھالدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇكەممەللىشىپ، دۆلەت تۈسىنى ئالغانلىقىنى، ھەربىي –مەمۇرىي ئىشلار، مالىيە-ئىقتىساد، سودا-سېتىق، قۇرۇلۇش-تەمىنات ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ھەم سەن`ئەت ئىشلىرى تېزلىكتە راۋاجلىنىشقا، ئومۇمىي بىر مىللىي ئويغىنىش ۋۇجۇتقا كېلىشە باشلىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خەلقنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق ئازاد قىلىپ، ۋەتەننىڭ باشقا چوڭ ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىرلىككە كەلگەن مىللىي جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى تەسىس ئېتىلىشىگە بولغان ئىشەنچلىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى شىرىن دۈشمەننىڭ ھىلىسىمۇ؟
زىيا سەمىدى، گومىنداڭ مۇستەبىتلىرى ساراسىمغا چۈشۈپ، خىتاي ئاھالىلىرى ئۈرۈمچىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ قېچىۋاتقان، خەلق ئازادلىق كۈنلىرىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن خوش بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، مىللىي ئارمىيىگە ماناس دەرياسىدىن ئۆتمەي، مۇداپىئەدە تۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
ئۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ؛
"1945-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىرىغا كەلگەندە گومىنداڭچى خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىشىم تۈزەرمىش، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشارمىش، ئىككى ئوتتۇرىدا سوۋېت كونسۇلى خالىس تۇرارمىش دېگەندەك سۆزلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ مىش-مىشلارغا ئۇلىنىپلا ھەربىي ساھەدىكى مەسلىھەتچىلەر ناھايىتى ئالدىراشلىق بىلەن ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى ۋە سوۋېت ماركىلىق قورال-ياراقلارمۇ يىغىشتۇرۇلدى. مەمۇرىي ساھەلەردىكى "ياردەمچى مەسلىھەتچىلەر"مۇ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى غايىپ بولدى ۋە كونسۇللار ئالماشتۇرىلدى. لېكىن "2-نومېرلىق ئۆي"تېخى مەۋجۇت تۇراتتى، خەلق ھاڭ-تاڭ، زىيالىلار پەرىشان، ئىنقىلابىي روھ ۋە جاسارەت بىلەن غەلبەسىرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچى –ئوفىتسېرلىرى بولسا زەردىگۆش بولۇشۇپ، "ۋەتەننى ئازاد قىلمىغىچە قولىمىزدىكى قورال چۈشمەيدۇ"، " ئاخىرقى نىشان مۇستەقىللىق" دېيىشىپ، ھۇررا – سۈرەنلەر قىلىشىپ، غەزەپلىك سادالىرىنى ياڭرىتىشتى"
زىيا سەمىدى بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گەرچە خەلقنىڭ ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۇلھى تۈزۈشكە مۇتلەق قارشى تۇرۇشىدىن قەتىي نەزەر، ئىنقىلابنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، چۈنكى، بۇ چاغدا گىتلېر گېرمانىيىسى ۋە ياپونىيە مىللىتارستلىرىنىڭ تولۇق مەغلۇپ بولۇپ، دۇنيا يۈزىدە ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئۆچىشى بىلەن دۇنياۋى يېڭى تەرتىپلەر ئوتنۇتۇلۇشقا يۈزلەڭەنلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ. زىيا سەمىدىنىڭ قاراشلىرى "يالتا كېلىشىمى"دە كۆرسىتىلگەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنياۋى تەرتىپ مەسىلىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل ئەنە شۇ نۇقتا ئىدى. (ئۈمىدۋار)