
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ھەمدە "11 ماددىلىق بېتىم" مەسىلىسى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا.
ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق تارىخىي رومانىدا مەزكۇر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 ئايغا سوزۇلغان سۆھبەتنىڭ جەريانى، ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، ئوبۇلخەيىرى تۆرە قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ۋەكىلى جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق بايان قىلغان.
زىيا سەمەدىنىڭ يېزىشىچە، رەھىمجان، ئەخمەتجان قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى 8 ئايغا سوزۇلغان سۆھبەت جەريانىدا گومىنداڭ تەرەپ بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىدۇ. مەككار سىياسەتچى ھېسابلانغان جاڭ جىجوڭ ئۆزىنىڭ سۆھبەت رىقابەتچىلىرىنى ھەر خىل يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن باش ئەگدۈرۈشكە، ئۆز تەكلىپ ۋە لايىھىلىرىنى ئۇلارغا قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. سۆھبەت جەريانىدا ئىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ھېسابلانغان ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنىڭ ماھىر سىياسىيون ۋە ناتىقلارغا خاس ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ، مۇنازىرە جەريانىدا جاڭ جىجوڭنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
سۆھبەتنىڭ ھالقىلىق نۇقتىلىرى- ھەربىي ۋە سىياسىي ھوقۇققا قارىتىلغان

زىيا سەمەدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ سۆھبەت جەريانىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان تەرەپنىڭ سىياسىي ھوقۇق، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىغا ئائىت تەلەپلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئالىي مۇختارىيەت تەلەپلىرىگە قەتىي قارشى تۇرغان. نەتىجىدە سۆھبەت توختاپ بۇزۇلۇش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەنە ئارىغا چۈشۈشى بىلەن سۆھبەت داۋاملاشقان.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ۋە گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش مەسىلىسى بولۇپ، ئىلى ۋەكىللىرى مىللىي ئارمىيىنى 21 مىڭ ئادەم ھالىتىدە ساقلاش ھەمدە قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ مىللىي ئارمىيە قۇرۇش پىكرىدە چىڭ تۇرغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ يەنە سۆھبەت ئۈستىلىدىن كېتىشكەن. بىراق بۇ ۋاقىتتا سوۋېت كونسۇلى ئارىغا چۈشكەن. كۆپ قېتىم تالاش-تارتىشلار ھەمدە ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ھۆكۈمىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىدىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ 6 پولىكقا چۈشۈرىلىشىگە ھەمدە قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى تەسىس قىلىنىشقا ماقۇل بولغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبەتتە مۇھىم ۋاسىتىچىلىق رول ئوينىغان.
زىيا سەمەدىنىڭ يېزىشىچە، مىللىي ئارمىيە ئۆز ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىشىدىن تارتىپ، تاكى سۆھبەت جەريانى ۋە بېتىمنىڭ تۈزۈلىشىگىچە بولغان ئۇزۇن بىر جەريان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى ھەم ۋاسىتىچىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگىدۇر. ئۇچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئىختىلاپ چىقىپ، سۆھبەت توختىغاندا ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كونسۇلى يېۋسېيېۋ ئارىغا چۈشۈپ ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. ھەر قېتىم ئىلى ۋەكىللىرى گومىنداڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي سۆھبەت مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەندە جاڭ جىجوڭ ئەنە شۇ سوۋېت مۇئاۋىن كونسۇلى يېۋسېيېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئارىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە سۆھبەت يەنە داۋاملىشىدۇ. مىللىي ئارمىيىنى ئالتە پولىكقا قىسقارتىش مەسىلىسىدىمۇ يېۋسېيېۋ بىۋاستە رول ئوينايدۇ.
1946-يىلى 7-ئايدا بېتىمغا ئىمزا قويۇلۇش ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىملىرىغىمۇ ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ،ئەڭلىيە ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.
بېتىمنىڭ ئەھمىيىتى
زىيا سەمەدى كىتابىدا 11 ماددىلىق بېتىمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر بېتىمنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي يول بىلەن قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆز ئېلىدىكى قانۇنىي ئورنىنى تۇنجى قېتىم ئىككى ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى كېلىشىم شەكلى بىلەن كاپالەتلەندۈردى . ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشى ئېتىراپ قىلىندى. ئەنە شۇ كېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ئالىي مەكتەپلەردە قوللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. 11 ماددىلىق بېتىم ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خوجا نىياز ھاجىم بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردىن پەرقلىق خاراكتېرگە ئىگە ئىدى.
ئومۇمەن،1946-يىلى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن 11 ماددىلىق بېتىم ئەمەلىيەتتە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئايىقى ئۇيغۇر دىيارىغا يەتكەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەرلىك خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن قانۇنىي ئاساستىكى كېلىشىمدىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما گومىنداڭ دائىرىلىرى كېلىشىم تۈزۈپ ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلىگەن ئەسكەر يۆتكەپ، ئاستا-ئاستا بېتىم ماددىلىرىنى بۇزۇشقا، ئازاد ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاينى قايتا ئىشغال قىلىپ، مىللىي ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق بەرىبىر مەغلۇپ بولدى. (ئۈمىدۋار)