زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى (14)

ziya-semidi.jpg

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەت بىلەن گومىنداڭ ئارىسىدا قايتىدىن تىركىشىش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ پۈتۈن كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىك ئاساسىدا ئىنقىلاپنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلاشنى مەقسەت قىلىپ، "تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى" دەپ ئاتالغان بىر سىياسىي-ئاممىۋى تەشكىلاتنى بەرپا قىلغانلىقى ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار ھەققىدە يازىدۇ.

تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى

1948-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئەخمەتجان قاسىمى بارلىق ئاممىۋى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق "تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى" دەپ ئاتالغان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان رەھبەرلىك يادروسىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

1948-يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىدە ئىلى ،تارباغاتاي ۋە ئالتاي قاتارلىق ئازاد ئۈچ ۋىلايەتتىن شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن يەتتە ۋىلايەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داگدۇغۇلۇق ئاممىۋى يىغىن ئېچىلدى.

زىيا سەمىدى رومانىدا داغدۇغۇلۇق يىغىن ئېچىلغان بۇ كۈننىڭ پۈتۈن غۇلجا شەھىرىدە بايرام تۈسى ئالغانلىقى، ئادەملەرنىڭ ئەركىن، ئۆز-ئۆزىگە خوجا، چرايلىرىدىن تەبەسسۇم ياغقان، بازارلار ئاۋاتلاشقان ئاجايىپ بىر قاينام-تاشقىنلىق تۈس ئالغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

" بۇ كۈنى –دەپ يازىدۇ تارىخىي شاھىد يازغۇچى زىيا سەمىدى- ئەنە شۇ ئومۇمىي مەقسەتكە بىنائەن جاي-جايلاردىن كەلگەن خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا چوڭ يىغىن –يەنى تەسىس قىلىش يىغىنى ئېچىلماقچى. بۇ ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتلىك ۋەقەدىن شەھەر ئاھالىلىرى خەۋەردار بولغاچقا گويا ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدىكىگە ئوخشاش ئىشىك ئالدىلىرىغا، ھويلا-ئاراملار ۋە كوچىلارغا سۇلارنى چېچىپ، پاك-پاكىز قىلىۋېتىشكەن. ئىدارە –جەمىيەت ۋە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق مىللىي بايراق-بايراقچىلار ئېسىلغان، بەئەينى قۇۋناق بايرام تۈسىنى ئالغان. ھە ئەلۋەتتە، ئازاتلىق ئەركىنلىكنىڭ دەسلەپكى مېۋىسىنى تېتىغان ئىستىقلالىيەت باسقۇچىغا قەدەم قويغان ھۆر خەلق قانلىق كۈرەشلەر نەتىجىسىدە بەرپا قىلغان مىللىي ھۆكۈمەت - جۇمھۇرىيەتنى جان تىكىپ قوغدش1قا تەييار"

زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ئەخمەتجان قاسىمى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ئىتتىپاقلىق- مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىدىغان ئاساس

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن.

" قىممەتلىك ۋەكىللەر ۋەتەنداشلار ،بىز بۈگۈن دۇنيا ۋەزىيىتىنى، خىتاي شارائىتنى ۋە جانىجان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى نىسبەتلەپ، ئەمەلىيىتىمىزدىن چىقىش قىلغان ھالدا، پارلاق نىشان، ساغلام ئىنتىزاملىق، تەشەببۇسكار بىر جەمىيەت يەنى ئىتتىپاق قۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلى باش قوشماقتىمىز، دېمەك بىز دەسلىۋىدىلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈچ بىرلىكتە، غەيرەت ئۆملۈكتە دېگەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە كارامەتلىك نەسىھەت –ۋەسىيىتىنى ئىتتىپاق دەستۇرىمىزنىڭ ئاساسىي قىلغان ھالدا مەقسەت بىرلىكىمىز، ھەرىكەت بىرلىكىمىزنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىشىمىز لازىم.. ئىتتىپاقلىق ئىش ھەرىكىتىمىزنىڭ كاپالىتى".

ئەخمەتجان قاسىمىي ئۆز نۇتقىدا ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئۆملۈك-ئىتتىپاقلىق، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىش روھىنى تىكلىمەي، غەلبە قازىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن سابىت داموللا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنىڭ دەپ ئىتتىپاقلىقنىڭ بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆتمۈشتىكى كۈرەشلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى-مىللەتنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس

ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز سۆزىدە مىللەتنىڭ ئۆتمۈشتە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ قانداقتۇر مىللەتنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياكى ئىقتىدارسىزلىقى ئەمەسلىكىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ.

" ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇستەملىكىچى زوراۋانلارغا قارشى ئازادلىق كۈرەشلەردە مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەب ئەسلا خەلقىمىزنىڭ ئاجىزلىقى، شىجائەتلىك ئەمەسلىكى ۋە مىللىي گورۇرىنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىرلىك –ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋە ئاڭ-سەۋىيىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغان ئىدىكى، قەستلىك دۈشمەنلىرىمىز بىزنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىمىزدىن پايدىلاندى ۋە ھازىرمۇ پايدىلىنىشقا ئۇرۇنماقتا" ئەخمەتجان قاسىمى يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقارا ۋەزىيەت ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى جۈملىدىن خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يېڭى خەلقارا ۋەزىيەت شارائىتىغا قەدەم قويغانلىقىنى، ئازادلىقنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن خەلقارا شارائىت ۋە خىتاينىڭ ئىچكى شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىش زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى شۇ سەۋەبتىن ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇپ، بارلىق كۈچنى بىر يادرو ئاستىغا توپلاپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنى قەتىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يىغىن ئەركىن، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمىنى "ئىتتىپاق" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلايدۇ. ئىتتىپاق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى جۈملىدىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبىرىي يادروسىغا ئايلىنىپ، ئۇچ ۋىلايەت دائىرىسىدىكى ھەربىي، سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي ۋە باشقا بارلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئومۇمىي يۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)