زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى (15)

ittipaq-et.jpg
1948- يىلى ئاۋغۇستتا قۇرۇلغان "ئىتتىپاق" تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلىرى.

مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەپ، دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىكى جايلاردىن ياخشى ۋە ئۈستۈن تۇرمۇش سەۋىيىسى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

روماننىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدە ئازاد شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانداق قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغانلىقى، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ خىتاي ۋەكىلى دېڭ لىچۈن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىش يولىغا مېڭىشقا قىستىشى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىچىكى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ

زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويۇلۇپ گومىنداڭ بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تۈزۈلگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە شۇنىڭدەك ئازاد شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالى، يېڭىدىن قولغا كەلگەن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇش ئەۋجى ئالغان بولۇپ، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەردە ئۈمىدسىزلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. ئەمما، مىللىي ئارمىيىنىڭ يەنىلا ئۆز قولىدىكى "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن خەتلەر يېزىلغان ھەربىي بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈشى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ماناس دەرياسىنى پاسىل قىلىپ، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىركىشىپ تۇرۇشى بەرىبىر خەلقنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىرىنى يوقاتمىغان ئىدى.

milliy-armiyechekinish.jpg

1949-يىلىغا كەلگەندە، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئەخمەتجان قاسىمى ئارمىيە ۋە زىيالىيلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارغا ئىنقىلابنىڭ نىشانى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى ۋە خەلقارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە كۆپ چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ.

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ چاغلاردا بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە رەھبەرلەر ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىلىرى ئاشقان ھەمدە بەلكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇرۇنقى ۋەدىلىرىگە بىنائەن خىتاي تەركىبىدە خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش "ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت" لىك ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىن دەيدىغان قاراشلىرىمۇ مەۋجۇت بولغان ئىدى. لېكىن، ئەخمەتجان قاسىمى ھازىرچە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇنداق ھوقۇق سالاھىيىتىنى بېرىشى ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ يەنىلا زور كۈرەش ۋە ھەقىقەت ئارقىلىق قايىل قىلىش بىلەنلا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان.

ھەممىنى قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى

زىيا سەمىدى "ئەخمەت ئەپەندى" رومانىنىڭ ئاخىرقى بابىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈننىڭ تۇيۇقسىزدىن غۇلجىدا پەيدا بولغانلىقى، بۇنىڭدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرى بولمىغانلىقى، مەزكۇر خىتاي ۋەكىلىنىڭ موسكۋا تەرەپ تەيىنلىگەن بورىسوپ ئىسىملىك رۇس دىپلوماتىنىڭ ھەمراھلىقىدا غۇلجىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ.

زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، بورىسوپ ئىسىملىك موسكۋا ۋەكىلى ئەسلىدە ئىنقىلابنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئىنقىلابچىلارغا ياردەملەشكەن، ئۇلارغا مەسلىھەتلەرنى بېرىش بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلغان شەخس ئىدى. ئۇ تىنچلىق بېتىم مەسىلىسى كۆتۈرۈلگەندە غايىپ بولغان ئىدى. مانا ئەمدى موسكۋا ئۇنى يەنە قايتىدىن غۇلجىغا ئەۋەتىپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرلىشىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا سالىدۇ.

زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، بورىسوپ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى بېيجىنغا بېرىشكە ھەمدە خىتاي تەركىبىگە شەرتسىز تۈردە كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. بىراق، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ تەلەپنى قەتىي رەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىدەك تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىجىللىق ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ چىن يۈرىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمدى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بىرلىشىشتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى پىچىپ بولغانلىقىنى، ستالىننىڭ ئۆزىنىڭ كوممۇنىزىم لاگېرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننى يېڭى خىتاينىڭ تەركىبىگە قوشۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بورىسوپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل پاجىئەلىك قىسمىتىگە ئېچىنغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمما، ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىماسلىققا ئامالىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. (ئۈمىدۋار)