زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانى (1)


2005.01.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ziya-semidi.jpg

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ ئۇيغۇر 20-ئەسىر تارىخىغا بېغىشلىغان رومانلىرىنىڭ بىرى "ئەخمەت ئەپەندى" بولۇپ، ئاپتور بۇ ئەسىرىدە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات پائالىيىتى، ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابتا ئوينىغان رولى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە كىشىلىك خىسلەتلىرى ھەققىدە يازىدۇ.

بۇ ئەسەردە نوقۇللا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى سۆزلەنمەستىن بەلكى، ئەينى تارىخىي دەۋر روشەن كۆرسىتىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان مۇھىم تارىخىي شەخسلەر كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەسەر 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۇنىڭدىكى سەۋەب زىيا سەمىدى ئۆزى ئەشۇ تارىخىي دەۋر شارائىتىنىڭ شاھىدى بولۇپ، ئۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەزگىلىدە مۇھىم ھەربىي-سىياسىي شۇنداقلا مەدەنىيەت خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئۇ شۇ دەۋردىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن دېگۈدەك سۆھبەتداش ۋە سەپداش بولغان ئىدى.

زىيا سەمىدىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ ئوغلى، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە ياشاۋاتقان قازاقىستان دۆلەتلىك رادىئو كومىتېتىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى رىزا سەمىدى مەخسۇس توختىلىپ، زىيا سەمىدىنىڭ پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيە رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغانلىقى شۇنىڭدەك ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ روماندا يەنە باشقا تارىخىي شەخسلەرمۇ تەسۋىرلىنىدۇ

exmet-ependi.jpg
"ئەخمەت ئەپەندى" نىڭ مۇقاۋىسى

زىيا سەمىدى بۇ رومانىدا ئەخمەتجان قاسىمىنى ئاساسىي قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان "ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ پائالىيەتلىرى، ئەلىخان تۆرە، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، رەھىمجان سابىر ھاجى، قاسىمجان قەمبىرى، زۇنون تېيىپوپ قاتارلىق شەخسلەر ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدىن تارتىپ، تاكى 1949-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سىرلىق پاجىئە بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشلەر شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابنىڭ غەلبە قىلىش ۋە ئاخىرلىشىشىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە توختىلىدۇ. بۇ رومان گەرچە تارىخى بەدىي ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا راست ۋە ئەمەلىي پاكىتلار، ۋەقەلەر كۆرسىتىلگەن.

زىيا سەمىدىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق ئىككى توملۇق رومانى 1995-يىلى قازاقىستاندىكى "يازغۇچى" نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور ئەسەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يېزىشنى باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ قىلمىشلىرى ئېچىلىشقا باشلانغاندا تاماملىغان.

"ئەخمەت ئەپەندى" رومانى ئاپتورنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يورۇقلۇققا چىققان تەۋەرۈك ئەسىرى بولۇپ، بەلكى ئۇنى ئاپتورنىڭ پۈتۈن ئىجادىي ھاياتىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ياكى ئىجادىي قابىلىيىتىنىڭ كامالەتكە يېتىشى دەپ ئېيتىشقا بولسا كېرەك؟!

ئەسەرنىڭ دەسلەپكى بابلىرى ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىدىكى كۈرەشلىرىگە بېغىشلانغان

زىيا سەمىدى ئەسەرنىڭ 1-كىتابىنىڭ دەسلەپكى بابلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چۆچەككە كېلىش بىلەن شېڭ شىسەي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە ئېلىپ كېلىڭەنلىكى، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى قەتىيلىكى، بويسۇنماس ئىرادىسى شۇنىڭدەك خىتاي مىللىتارستلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شېڭ شىسەي، لىيىڭچى ، ليۇ بىندى قاتارلىقلارنىڭ ۋەھشىلىكلىرى ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۇلار بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ، مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى بايان قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە ئەڭ قىزىقارلىق نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، زىيا سەمىدى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۈرمىداشلىرى تەرقىسىدە 1930-يىللىرىدىكى خوجا نىياز ھاجىم، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ساۋۇت داموللام ۋە ماخمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى كۈرەشلەرگە ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم تارىخىي شەخسلەردىن نېمەت خەلپەت، ئابدۇنىياز بەگ قاتارلىقلارنىمۇ تەسۋىرلەيدۇ. ئەخمەتجان بۇ كىشىلەر بىلەن تۈرمىدە ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە تارىخىي ساۋاقلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلايدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.