"شەرقىي تۈركىستان تارىخى"، "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ناملىق كىتابلارنىڭ يازغۇچىسى، تارىخچى، سەلچۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئىقلىل قۇربان يازغان "ھەقىقەتلەر ۋە يالغانلار" ناملىق ئەسەر يېقىندا تۈركىيىدە نەشىردىن چىقتى. كىتابتا تارىخچى ئىقلىل قۇرباننىڭ 1943-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان نىلقىدىكى نىلقا ئىسيانىدىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە بولغان ئۇيغۇر دەۋاسىنى بايان قىلغان.
ئاپتور بۇ ئەسەرنىڭ بىر ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئايدىڭلتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاپتور يەنە بالىلىق چاغلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي زىندانلىرىدا، لاگىرلىرىدا ۋە سۈرگۈندە ئۆتكەنلىكىنى دېدى.