
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتىتلەردە ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار دوكتورلۇق ئىلمى ماقالىلىرىنىڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبىكتىلىرى ھالىغا كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ۋاقتىمىزدا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈن دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
يېقىندا تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئوقۇتقۇچىسى گۈرەر گۈلسېۋىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئۆزگۈر ئاي داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانى ھەققىدە دوكتور ئىلمى ماقالىسىنى يازدى. بۇ ئىلمىي ماقالىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى، ئىجادى پائالىيىتى، "ئىز" رومانىنىڭ تىل خۇسۇسىيىتى، ئەدەبىي ئۇسلۇبى ئەتراپلىق ھالدا تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، رومان تۈركچىگىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.
بىز بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
-ھۆرمەتلىك ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى، سىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپسىز. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
-ئىلمىي ماقالەمنىڭ تېمىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانى ھەققىدە. بۇ ئىلمى ماقالىدە "ئىز" رومانىنى ئالدى بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. كېيىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسىگە ترانسكرىپسىيە قىلىپ چىقتىم. كېيىن، بۇ ئەسەرنى ئەدەبىي جەھەتتىن تەھلىل قىلدىم. بىزدىكى رومان يېزىش ئۇسلۇبى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى رومان ئۇسلۇبىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم. مەن تىلشۇناس بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئەسەرنىڭ تىل جەھەتتىكى خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ تەھلىل قىلدىم.
- ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر دىگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر يوق. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. سىز روماننى باشتىن ئاخىر تەرجىمە قىلىپ چىقىپسىز. روماندا نىمە ۋەقە ئىشلەنگەن ئىكەن؟
- "ئىز" رومانى 1907-يىلى قۇمۇلدا قوزغالغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە 1912-يىلىدا مەيدانغا چىققان تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەر. بولۇپمۇ روماندا بۇ مەزگىلدە بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقى پېرسوناژلار ئارقىلىق، ھەقىقى ۋەقەلەر رومان ئۇسلۇبى بىلەن ئاڭلىتىلغان. "ئىز" رومانى يېڭى ئەۋلاتلارغا ئۆتمۈشنى ئاڭلىتىش، ئۆز تارىخىنى ئۇنۇتتۇرماسلىق، تارىختىن ساۋاق ئېلىش ئارقىلىق توغرا يول بەلگىلەش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بىر تارىخى رومان.
- ئۆزگۈر ئاي، بۇ روماننى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ تۈركىيىدە نەشىر قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
- مەنچە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن گېزىت ۋە تېلېۋىزوردىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاش يېتەرلىك ئەمەس. تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشتە بىر - بىرىمىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم. بۇنداق بولغاندا بىر بىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمىز. تۈركلەر بۇ روماننى ئوقۇغان ۋاقتىدا ئۆزىگە ناتونۇش بولمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. "ئىز" رومانى ئۇسلۇب جەھەتتىن مەشھۇر تۈرك يازغۇچىسى ئاخمەت مىتھاتنىڭ رومانلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئىنتايىن ئوخشايدۇ. گەرچە تېما جەھەتتىن ئوخشىمىسىمۇ، ئۇسلۇب جەھەتتىن ئوخشايدۇ. تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىي خۇسۇسىيىتىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانىدا كۆرىۋالالايمىز.
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" رومانىنى تارىخى رومان دەپ ئۆتتىڭىز. روماندا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان نىمە بولدى ؟
- بۇ روماندىكى بەزى سۆزلەر بىزگە ئورخۇن ئابىدىرلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بىلگە خاقاننىڭ كۆلتىكىن ئابىدىسىدە خىتايلارنىڭ مىجەزى ھەققىدە يېزىلغان سۆزلەرگە ئوخشايدىغان سۆزلەر بار. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى دىئالوگلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ ناھايىتى كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ روماننىڭ بىزنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئازادلىق ئىنقىلابىمىز ھەققىدە رومان ۋە شېئىرلار يازغان مەمەت ئاكىف ئاكسوينىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ ئوخشىشىپ كېتىشى مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى.
- ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى، تۈرك ئەدەبىياتى دېگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ياشار نۇرى گۈنتېكىننىڭ "چالىقۇشى" ناملىق رومانىنى، ياشار كامالنىڭ "مەمەت ئاۋاق" ناملىق رومانلىرىنى بىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دېگەن ۋاقتىمىزدا تۈركلەر قايسى ئەسەرنى بىلىدۇ ؟
- ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ رومانلىرى تۈركىيىدە ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدۇ. مېنىڭ بۇ روماننى تەرجىمە قىلىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىمۇ بۇ. تۈركىيىدە ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە گۈلزادە تانرىداغلىنىڭ تەتقىقاتىدىن باشقا بىر تەتقىقات يوق. تۈركىيىدە ئۇيغۇر رومانلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ "سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان"، پەرھات جىلاننىڭ "مەھمۇت قەشقىرى" ناملىق رومانىدىن باشقا بىر رومان تەرجىمە قىلىنغىنى يوق. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىدىن بىر قىسمى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇلمايدۇ. ھازىر "ئىز" رومانىنى باستۇرماقچى. كېيىنچە باشقا رومانلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن. مەن بۇ ئارقىلىق تۈركىيىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن.