
مەشھۇر تارىخچى لىيۇماۋسەي نېمىس تىلىدا يازغان خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدىكى شەرقتىكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى سەلەنگە نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب 1958-يىلى گېرمانىيەدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
كىتاب 4 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەمئى 640 بەت. كىتاب، غەربىي ۋېي سۇلالىسى مەزگىلى يەنى 535-يىلىدىن ۋۇ تەي مەزگىلىدىكى تۈركىي مىللەتلەر يەنى 959-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كتاپتا خىتايلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر ئاڭلىتىلغان. كىتابنىڭ ئارقا تاش ۋارىقىدا مەشھۇر رۇس تارىخچى لەۋنىكولوۋىچ گۇمىلىيەۋنىڭ شۇ سۆزىگە يەر بېرىلگەن: بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى بىراز بولسىمۇ شۇ مىللەتنىڭ دۈشمىنى يازغان تارىخىدىن ئۆگىنىش كېرەك. تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىتاب خىتايلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. بىز بۇ كىتاب ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەلەنگە نەشرىياتىنىڭ باش تەھرىرى، بۇ كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ئاھسەن باتۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
-ھۆرمەتلىك ئاھسەن باتۇر ئەپەندى، يېقىندا تارىخچى لىيۇ ماۋسەي يازغان خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدىكى شەرقتىكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ناملىق كىتابنى نەشىر قىلىپسىلەر. بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز ؟
- تۈركلەر تارىخ ياراتقان ئەمما تارىخ يازالمىغان بىر مىللەت. بىزنىڭ بىردىن بىر تارىخى ئابىدىمىز ئورخۇن يېنىسەي ئابىدىلىرىدۇر. تارىخچى ئەدۋارت چاۋەننەس دېگەندەك، بۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يېزىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلار پەقەتلا خىتاي مەنبەسىدە بار. ئەمما غەربتىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنى رۇم، بىزانس، ئەرمىنىيە، پارس ۋە ئەرەپ مەنبەلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. لىيۇماۋسەي يازغان خىتاي مەنبەلىرىگە كۆرە، شەرقتىكى تۈركلەر تارىخى ناملىق كىتاب دۇنيادا بۇ ساھەدە يېزىلغان ئەڭ ئەتراپلىق ئەسەرلەردىن بىرىدۇر. ئەدۋارد چاۋەننەسنىڭ غەرب تۈركلىرى تارىخى دىگەن كىتابىمۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە نەشىردىن چىقىدۇ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرسەك مۇكەممەل بىر تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تارىختا خىتايلاردا كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتى بار ئىدى، خىتاي سارايلىرىدا مەخسۇس بۇنداق كىشىلەر بار. خىتايلار خاتىرە يازغان ۋاقتىدا پەقەت خىتايلار ئىچىدىكى ۋەقەلەرنىلا ئەمەس، خوشنا دۆلەتلەردە بولغان ۋەقەلەر ھەققىدىمۇ خاتىرىلەر يېزىپ قالدۇرغان.
- ھۆرمەتلىك ئاھسەن باتۇر ئەپەندى، سىزچە بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟
- خىتايلار يازغان بۇ تارىخ كىتابلاردا ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن مەلۇماتلارمۇ بار. مەسىلەن: كىتابتا تۈرك خاقانىنىڭ بىر مىليون ئوقچىسى بار ئىدى، دەپ يېزىلغان. ئۇ مەزگىلدە پۈتۈن كۆك تۈركلەرنىڭ نوپۇسى 650-700 مىڭ ئەتراپىدا تۇرسا، قانداقمۇ بىر مىليون ئوقچىسى بولسۇن. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدە مۇبالىغىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ.
- ھۆرمەتلىك ئاخسەن باتۇر ئەپەندى، بۇ كىتاب قاچان قەيەردە نەشىر قىلىنغان، قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
- كىتاب 1958-يىلىدا گېرمانىيەدە نېمىس تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئەمما كىتابنى يازغان كىشى خىتاي. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى تارىخچىلار بۇ كىتابنى ئەسەرلىرىدە مەنبە قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنمىغان ئىدى. تۈرك تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي تارىخىدىكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ھەققىدىكى مەنبەلەردىن بىر قانچىنى نەشىر قىلدى. خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىكى ماتىرىياللار ئىچىدە لىيۇ ماۋسەينىڭ بۇ كىتابى ناھايىتى مۇھىم. بۇ كىتاب ئىسلامدىن بۇرۇنقى تۈركىي مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى. بۈگۈنگىچە تۈركىيىدە قەدىمقى تۈرك تارىخىغا ئائىت مەخسۇس كىتابلار تەرجىمە قىلىنىپ باقمىغان، بىز سەلەنگە نەشرىياتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى تارىخى رەشىدى، ئەدۋارت چاۋاننەسنىڭ غەرب تۈركلىرى تارىخى، قاراخانلى تارىخى، تۈركىي تىللار دىۋانى، مەشھۇر تارىخچى نىكولويەۋىچ گۇمىلىيەۋنىڭ قەدىمقى تۈركىي مىللەتلەر تارىخىغا ئائىت پۈتۈن ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇق.
- ھۆرمەتلىك ئاھسەن باتۇر ئەپەندى، تۈركىيىدە تارىخچىلارنىڭ كۆپى ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى مەزگىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخقا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
- تەتقىق قىلىش ۋە ماتېرىيال تېپىش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەزگىلگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى يېزىش قېيىن. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە ماتىرىيال تېپىش بەك قېيىن. ئەسلىدە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى توغرا تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى مەزگىلنى ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەك. بۇ مەزگىلنى تەتقىق قىلىشتا ئۇيغۇر تارىخى ناھايىتى مۇھىم، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۆز يېزىقى بولغان، ئۇيغۇرلار مەزگىلىگە ئائىت قول يازمىلارمۇ ناھايىتى كۆپ، شۇڭا قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ۋە تۈركىيەدىكى تۈركلەرگە ئوخشاش پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. ئەپسۇسكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ.