كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

0:00 / 0:00
koz-yeshida-nemlengen-zemin.jpg
كىتابنىڭ تېشى

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان قارا بوران نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، كۈرمىڭلىغان ئائىلىنىڭ ئوچىقىنى ئۆچۈرگەن ئىدى. كۆڭۈللىرىگە ئۇلۇق ئارزۇ - ئارمانلارنى پۈككەن بىلىم ئاشىقى، ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى كۆككە سورۇپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى غازاڭ قىلغان ئىدى.

ئەنە شۇ ياشلارنىڭ بىرى بولغان سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، بۇ يولدا كۈرەش قىلغان ئىدى. ئۇ مانا بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. كېيىن ئاۋسترالىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ مۇدھىش يىللاردىكى ئەسلىمىلىرىنى كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقتى.

"كۆز يېشىدا نەملەنگەن زەمىن" ناملىق بۇ ئەسەر 735 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئاپتورنىڭ 1960 - يىلىدىن 1980 - يىلىغىچە بولغان كەچۈرمىشلىرى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان. ئەسەردە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئوز پېتى ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ كىتاب ۋە كىتابنىڭ ئاپتورى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم كىتابنىڭ ئاپتورى سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم بىلەن سۆھبەتلەشتى.