قىرغىزىستاندا "گېنېرال ئىسھاق بەگ مۇنونوپ" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى


2007.03.04

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە سىرلىق تۈردە ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغان، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاق بەگ مۇنونوپنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە مەخسۇس كىتاب نەشىر قىلىندى.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىشكەك شەھىرىدە مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىتابنى گېنېرالنىڭ نەۋرىسى ئابدۇۋاخاب مونىيېۋ يېزىپ چىققان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرى، تەكشۈرۈشلىرى ۋە كۆپلىگەن شاھىدلارنى زىيارەت قىلىپ، ئاغزاكى ۋە يازما ئارخىپ ماتېرىياللىرى توپلىشى ئاساسىدا مەزكۇر كىتابنى يورۇقلۇققا چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تارىخىي شەخس ئىسھاق بەگ قىرغىز خەلقىنىڭ تۇنجى گېنېرالى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلار ئىچىدىنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق قىرغىزلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى گېنېرال ھېسابلىنىدىكەن.

كىتابنىڭ ئاپتورى مۇنداق دېگەن" ئىسھاق بەگ 1902-يىلى نۇر ئالاي رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇ تاكى 1949-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ، دۆلەت مۇداپىئە رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان. ئۇنىڭ تۆھپىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت" . ئاپتور، ئىسھاق بەگ مۇنونوپنىڭ سىرلىق ھالدا ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكەن يىلى دېكابىردا قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئىسھاق بەگ مۇنونوپنىڭ ھەيكىلىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، ئۇنىڭ نامى مەڭگۈلەشتۈرۈلگەن.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، گېنېرال ئىسھاق بەگ مۇنونوپنىڭ دادىسى، ئۇرۇغ -تۇغقانلىرى ۋە ئايالى ھەم بالىلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە بىشكەك شەھىرىدە ياشىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىسھاق بەگنى قىرغىز خەلقىنىڭ تارىخىي باتۇرلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلىغان.

ئەلۋەتتە، ئوش شەھىرىدە يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوۋېت ك گ ب ئوفىتسېرلىرىدىن رازاق ماۋلانوپ، ئەلى مەمەتوپ ۋە باشقىلارمۇ ياشاپ ئۆتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.