ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا" ناملىق كىتاب كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

مەشۇر روزىيېف 20 - ئەسىرنىڭ 30 - ، 40 -يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئەرباب. سوۋىت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى ئۇنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شەرقى تۈركىستانغا مۇھىم ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭ بىر مۇنچە سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەقەلەردە مۇھىم رول ئوينىشىغا سەۋەبچى بولغان.

مەشۇر روزىيېفنىڭ بۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى بايان قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا" ناملىق كىتاب يېقىندا ئالماتادا ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى بىلەن ئامما ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن قىزغىن ئىنكاسلار ھەققىدە بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.