ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا " ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ (3)

0:00 / 0:00

يازغۇچى، تارىخچى مەشۇر روزىيېف 20 - ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئەرباب.

سوۋىت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى ئۇنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شەرقى تۈركىستانغا مۇھىم ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭ بىر مۇنچە سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەقەلەردە مۇھىم رول ئوينىشىغا سەۋەبچى بولغان. مەشۇر روزىيېفنىڭ بۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى بايان قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا" ناملىق كىتاب يېقىندا ئالماتادا ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى توغرىسىدا بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.