سابىت ئابدۇراخمان: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا(1)


2005.11.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
sabit-abduraxman.jpg
سابىت ئابدۇراخمان

تونۇلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردا بېسىپ ئۆتكەن مىللىي ئازادلىق كۈرەش مۇساپىلىرى ئاساسىدا، "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابچىسىنى يېزىپ، ئۇنى 1999-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە سلاۋيان يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر

سابىت ئابدۇراخمان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى ۋە شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى ھەم ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيىسى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى كېيىن بۇ تېمىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە "شەرقى تۈركىستان مىللى ئارمىيىسى"، "سۆيۈملۈك راھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى" (2001)، "شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا"قاتارلىق براشۇرىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى. مۇئەللىپنىڭ بۇ كىتابچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى رىيالىقنى ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەنە بىر تەرەپتىن ياش ئەۋلادلارنى مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى، ئەلىخان تۆرە، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىق تارىخى شەخسلەرگە ھەم تارىخىي ۋەقەلەرگە بەرگەن باھالىرى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر.

سابىت ئابدۇراخمان 1928-يىلى تۇغۇلغان، بالىلىق ۋاقتىدا غۇلجىدىكى گىمنازىيىدە ئوقۇغان، 1944-يىلى نويابىردا مىللىي ئىنقىلاب پارتلىغاندا، غېنى باتۇرغا خۇسۇسىي كاتىب بولغان ھەمدە مىللىي ئارمىيە سېپىدە جەڭلەردە بولۇپ، ئوفىتسېرلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرىلگەن ئىدى.

سابىت ئابدۇراخمان قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ۋە سىياسىي كۈرەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تونۇلغان ئىدى. ئۇ 20005-يىلى 14-ئىيولدا ئالمۇتا شەھىرىدە قازا قىلدى.

كىتابتىكى مەزمۇنلار

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق مەزكۇر كىتابچىسى 7 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، كىتابنىڭ دەسلەپكى بەتلىرى ئاپتورنىڭ مەزكۇر ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتى ۋە جەريانى ھەققىدىكى كىرىش سۆزى ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى شۇنىڭدەك باشقا رەھبىرىي شەخسلەردىن ئىسھاقبەگ مۇنونوپ، ھاكىمبەگ غوجا، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، رەھىمجان سابىرى، دەلىلقان سۇگۇربايېۋ، زۇنون تېيىپوۋ ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە كىشىنىڭ سۈرەتلىرىگە بېغىشلانغان.

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابچىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى "مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ تەييارلىنىشى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلىرى ۋە ئۆگىنىشلىرى ئاساسىدا توپلىغان چۈشەنچىلىرىگە تايىنىپ، 40-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدىكى تارىخىي دەۋر شارائىت شۇنىڭدەك ئىچكى-تاشقى ئامىللار ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىغان ئەمەس، بەلكى خەلق ئۆزلىرى قوزغىغان

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى كىتابىدا ئىنقىلابنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛

"1940-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەتىنىمىزدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلمەكتە ئىدى. بىر تەرەپتىن مىللىي زۇلۇم ھەددىدىن زىيادە ئاشقانلىقتىن ئېزىلگەن ئۇيغۇرىستان خەلقى بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت بەكمۇ كۈچەيگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشىگە تايىنىپ، ئۇيغۇرىستاندا 10 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان شېڭ شىسەي خەلقىمىزنى سىياسىي جەھەتتىن ئېزىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلغاننىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تۈرمىگە ئېلىپ، بۇلاردىن 80 مىڭىنى ئۆلتۈرىۋەتتى. 1942-يىلى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەڭ شىسەينىڭ فاشىستىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۈستىدىكى مىللىي زۇلۇمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئوچۇقتىن –ئوچۇق خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىدى. ئەزەلدىنلا دۆلەت تۇتۇپ، مۇستەقىل ياشاپ كۆنگەن ئۇيغۇر خەلقى مۇنداق زۇلۇملارغا باش ئېگىپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قىسقىسى مىللىي زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان، خەلقىمىزنىڭ سەۋر قاچىسى تولۇپ تاشقان يىللار ئىدى، شۇڭا خەلقىمىز مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا تەييارلىنىپ تۇرغان دەۋر ئىدى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا يېتەكچىلىق قىلىش ئۈچۈن 1944-يىلى ئاپرېلدا غۇلجا شەھىرىدە ئەلىخان تۆرەمنىڭ باشچىلىقىدا ئىنتايىن مەخپىي ھالدا" شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان ئىدى"

مەرھۇم تارىخچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆز كىتابچىسىدا باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا تەكىتلىگەن بىر نۇقتا شۇكى، ئۇ بىر قىسىم خىتاي ۋە چەتئەل تارىخچىلىرى كۆتۈرۈپ چىققان 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى پەيدا قىلغان ۋە تەييارلىغان دېگەندەك كۆز قاراشنى رەت قىلىپ، قانداقتۇر "ئىنقىلابنى ئەكىسپورت قىلغىلى بولمايدىغان"لىقىنى، ئىچكى ئامىلنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل ياشاشقا كۆنگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان مۇستەقىللىققە ئىنتىلىش روھى بىلەن خىتاي مىلىتارستلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە زۇلمى بىرلىشىپ، 40-يىللاردىكى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شەرھلەيدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەن

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 12 ئەزادىن تەركىپ تاپقان " شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى" دەسلەپتە ئەلىخان تۆرەمنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت ئازادلىققا ئىنتىلىش ۋە كۈرەش قىلىش ئىدىيىلىرى شۇنىڭدەك مەخپىي داۋاملىشىۋاتقان كۈرەشلەردىن خەۋەر تاپىدۇ. مەزكۇر مەخپىي پائالىيەت قىلغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىقى ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى " ئازادلىق تەشكىلاتى" بولغان. سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى بايانلىرىنى داۋاملاشۇتۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق ئەلىخان تۆرەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى نامىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، ئۇنى يەتتە نۇقتىغا ئىخچاملايدۇ. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قىسقارتىپ بايان قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ئاساسلىقى ستالىننىڭ سوۋېتنىڭ ياردىمىدە ئۆلكىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئېرىشىۋالغان شەڭ شىسەينىڭ كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىدىن ئىنتىقام ئېلىش، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا قۇرۇشى شۇنىڭدەك سوۋەت ئىتتىپاقىغا قارشى بازا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىشى، سوۋېت –گېرمان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەم ئۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئارقا سەپ تەمىنات رايونى ئېچىش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.