
مەرھۇم تارىخچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنى غۇلجا قوزغىلىڭى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىلىرىگە بېغىشلىغان بولۇپ، ئاپتور جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەركىبى شۇنىڭدەك ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان توققۇز ماددىلىق خىتاپنامىسى ۋە باشقىلار ھەققىدە توختىلىدۇ.
توققۇز ماددىلىق خىتاپنامە ۋە ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى
ئۇنىڭ يەكۈنىچە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان توققۇز ماددىلىق خىتاپنامە ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەزكۇر توققۇز ماددىلىق خىتاپنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا غۇلجىدا كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نىشانى ۋە مەقسىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇستەقىل دېموكراتىك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئېنىق جاكارلانغان شۇنىڭدەك بارلىق دىنلار ۋە مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ھەم ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى، مائارىپ، سەھىيە، تىجارەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆز كىتابىدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
سوۋېت ھۆكۈمىتى دەسلەپتە ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنىڭ دۈشمەننى يېڭىپ چىقالىشىغا ئانچە ئىشەنمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەم قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرى چەتتە كۆزىتىپ تۇردى. ئىنقىلابچىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ ئىنقىلابقا قول سالدى. ئىنقىلابنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئوسمان يۈسۈپوۋنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، ستالىننىڭ بىۋاسىتە ۋەكىلى گېنېرال پولكوۋنىك ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوۋنى ئەۋەتىپ، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي قولغا ئالدى. غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى ۋە مىللىي ئارمىيىنى نازارەت قىلىدىغان " 2-دوم " قۇرۇلدى.
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجا ئىنقىلابچىلىرىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىردىنلا بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بۇ ھۆكۈمەتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۈچ يۆلۈنۈشلۈك ئۇرۇش
سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلگۈچى بىر تارىخىي شاھىد بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز كىتابىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە جەڭ غەلىبىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىدۇ.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ھۆكۈمەت يىغىنىدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇش قارار قىلىنغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى ھۆكۈمەت كېڭەش يىغىنىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈزۈلۇش شەكلى،ئۇنۋان ۋە باشقا تەرەپلىرى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىندى. 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا رەسمى پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
مىللىي ئارمىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە 15 مىڭ ئەتراپىدا جەڭچى ئوفىتسېرى بار بولۇپ، جەمىي يەتتە پولك ۋە بەش باتالىيوندىن تەركىپ تاپقان. مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى تەسىس قىلىنىپ، ئىۋان پالىنوپ باش قوماندانى، گېنېرال ئىسھاق بەگ مۇنونوپ ۋە پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوپ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان.
مىللىي ئارمىيە قەھرىمان ئارمىيە ئىدى
سابىت ئابدۇراخماننىڭ بايان قىلىشىچە، مىللىي ئارمىيە قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي تەلىم –تەربىيىدىن كېيىن شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي يۆلۈنۈش بويىچە ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلىنىپ، 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى قاداپ، ئازاد رايونغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياش مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇنچىۋالا تېزلىك بىلەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە گومىنداڭنىڭ ئۆزلىرىدىن سان جەھەتتە كۆپ، قورال-ياراق جەھەتتە خىل قوشۇنلىرىنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ جىڭ ۋە شىخۇدىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيىلىرىنى بۆسۈپ تاشلاپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىشى تاساددىپىي ئەمەس، بەلكى بۇ ھەر مىللەت جەڭچى ئوفىتسېرلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن دۈشمەنگە بولغان غەزەپ نەپرىتىگە باغلىقتۇر.
دۈشمەن بىلەن مىللىي ئارمىيە ئارىسىدىكى پەرق شۇكى، دۈشمەن قوشۇنى سان ۋە قورال –ياراق جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما روھ جەھەتتە ئاجىز، چۈنكى، ئۇلار زۇلۇم سالغۇچى مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى باستۇرۇش قورالى، مىللىي ئارمىيە بولسا، مۇستەقىللىق، ئازادلىققا تەشنا بولغان ۋە بۇ يولدا بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن، دۈشمەنگە بولغان غەزەپ نەپرىتى قايناپ تاشقان ھەربىي قوشۇن بولۇپ، بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە خىتاي گومىنداڭ ئوفىتسېر –ئەسكەرلىرى توشقاندەك قېچىش، مىللىي ئارمىيە شىر كەبى ئېتىلىشتەك مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ پىكىرنى ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەسۈمجان زۇلپىقاروۋمۇ ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆز كىتابىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شەرقتە ئۈرۈمچىنى، جەنۇپتا ئاقسۇنى ئىشغال قىلىش ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرۇق بېرىپ ۋە بارلىق سوۋېت قوراللارنى يىغىۋېلىپ، مىللىي ئارمىيىنى توختىتىپ قويغانلىقى، بۇ چاغدا موسكۋانىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىم تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (ئۈمىدۋار)