سابىت ئابدۇراخمان: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا(3)

0:00 / 0:00
elixan-tore-150.jpg
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى مەرھۇم ئەلىخان تۆرە ساغۇنى

1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ" شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابىنى يېزىشتا پەقەت تارىخىي ماتېرىياللارغىلا تايىنىپ قالماستىن بەلكى، يەنە ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرگەن- بىلگەنلىرى ۋە ئاڭلىغانلىرىنىمۇ ئاساس قىلغان.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى كىتابچىسىنىڭ 4-بۆلۈمىنى مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىم تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەسىلىلەرگە بېغىشلىغان

خەلق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشقا تەييار بولغان

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى كىتابچىسىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۈچ يۆلۈنۈش بويىچە ئېلىپ بارغان جەڭلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا خەلقنىڭ يار-يۆلەك بولغانلىقىنى، 40 مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى-ئوفىتسېرگە ئىگە مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئازاد قىلىشقا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما، مانا مۇشۇنداق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە تىكلىنىش ئالدىدا تۇرغان پەيىتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا تەشنا قەلبىدىن پايدىلىنىپ، ئىنقىلابنى ۋە مىللىي ئارمىيىنى كونترول قىلىۋالغان ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ، گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىنى تەھلىپ قىلىپ، ئۇنى غەلىبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي ئارمىيە بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، مىللىي ئارمىيىنىڭ دۈشمەننى تامامەن يېڭىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلىخان تۆرە موسكۋانىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، ستالىننىڭ غۇلجىدىكى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوپ ستالىننىڭ بۇيرۇقىنى ئالغاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى خىتاي بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەۋسىيە قىلدۇ. ئەمما، ئەلىخان تۆرە بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ھېچقاچان سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سوۋېت مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر كوزلوپ ئەگەردە ئەلىخان تورىنىڭ موسكۋانىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىمىسا، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىلىدىغان بارلىق ياردەملەرنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئەلىخان تۆرە مۇنداق دەيدۇ:

"سىلەر ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلماي، ئاللىقاچان ھەربىي ياردەملىرىڭلارنى توختىتىپ قويغان، ئىككىنچىدىن سىلەر بىكارغا ياردەم قىلىۋاتقىنىڭلار يوق. بىز سىلەردىن قوراللارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدۇق، بىر مىلتىقنى 5 قويغا، 25 ئوقنى بىر قويغا سېتىپ بەرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ جانابىي گېنېرال"

كوزلوپ مۇنداق دەيدۇ:

"سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىسىز بەرىبىر ئالغا باسالمايسىلەر !"

ئەلىخان تۆرە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

"ئىلگىرى شۇنداق ئىدى، ھازىر بىز قوراللاردىن ئۈنچىۋالا غەم يەپ كەتمەيمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدا زامانىۋى قوراللار بار، ئەنە شۇ قوراللارنىڭ ھەممىسى ئەتە بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتىدۇ. بىز دۈشمەننىڭ قولىدىكى قوراللارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى شۇنىڭ بىلەن يوقىتىمىز".

sabit-abduraxman.jpg
"شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى. (1928-2005)

شۇنداق قىلىپ، ئەلىخان تۆرە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى ۋلادىمىر كوزلوپ ئارىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.

ئەلىخان تۆرە مىللىي ئارمىيە قوماندانى پالىنوپنى ھۇجۇمغا مەجبۇرلايدۇ

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ۋەكىلى گېنېرال كوزلوپ، ئەلىخان تۆرە بىلەن سوھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى گېنېرال ئىۋان پالىنوپقا بۇيرۇق بېرىپ، مىللىي ئارمىيىنى ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىدۇ.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئەلىخان تۆرە گېنېرال پالىنوپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. لېكىن، پالىنوپ ئۆزىنىڭ بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەلىخان تۆرە بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، "كىمنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدىڭىز جانابىي گېنېرال؟ " دەپ سورايدۇ.

مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالىنوپ جاۋاب بېرىپ: " موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدىم" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان ئېلىخان تۆرە پالىنوپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، "ماۋۇ گېنېراللىق ئۇنۋاننى موسكۋا بەرگەن ئەمەس، بىز بەرگەن، شۇڭا سىز بىزنىڭ بۇيرۇقىمىزنى ئورۇنلىشىڭىز كېرەك"، دەپ پالىنوپنىڭ مۈرىسىدىكى پاگونلارنى يۇلۇۋالىدۇ.

سابىت ئابۇدۇراخمان ئەپەندىنىڭ مەزكۇر بايانلىرىنى تېخى يېقىندا ۋاپات بولغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئۇرۇش بەرىبىر توختاپ قالدى

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇراخمان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە بەرگەن قوراللىرى ۋە ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقان خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رازىلىقىسىز ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەلىخان تۆرىگە يېقىن بولغان مىللىي مۇستەقىللىق غايىسىدىكى كىشىلەر ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى. ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالغاندا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىم تۈزۈشنى ئەسلا خالىمايتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا بىرلا يول، يەنى ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنى شىڭشىڭشاغا قاداش تۇراتتى. ئەمما، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى قۇدرەتلىك مەملىكەت ھېسابلانغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، دۈشمىنىنى كۆپەيتكەندىن كۆرە، يەنىلا ئۇنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىشنى ئويلاپ، موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. (ئۈمىدۋار)