سابىت ئابدۇراخمان: شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا(4)


2005.12.15
elixan-tore-150.jpg
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى مەرھۇم ئەلىخان تۆرە ساغۇنى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى، سىياسىي پائالىيەتچى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ " شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابىدا يەنە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ زور غەلىبىلەرگە ئېرىشىۋاتقان، مىللىي ئارمىيە شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جىڭ ۋە شىخودىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى تولۇق ئازاد قىلىشنىڭ شەر-شارائىتىنى ھازىرلاۋاتقان بىر پەيىتتە، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇش توختىتىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قىستىغانلىقى ، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان

تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئەسلىدە خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق بولۇپ، سۆھبەت قىلىش ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەمەس، بۇ تەلەپ جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان دىپلوماتىيىلىك ئالاقە نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن، بولۇپمۇ، 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سوۋېت –خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى رەسمى يوسۇندا ستالىن ھۆكۈمىتىدىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كېلىشىمدە موسكۋا كۆزلىگەن مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىش بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبەتكە قىستىغانلىقىنىڭ تارىخىي ئاساسلىرى بار بولۇپلا قالماستىن بۇ بەلكى، ئىنقىلاب شاھىدلىرىدىن ھۆكۈمەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى زىيا سەمىدى ھەم باشقىلارنىڭ بايانلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئەينى دەۋىرنى ياخشى چۈشەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆھبەت مەسىلىسىدە ئۆز يەكۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ. " سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۆكتەبىرنىڭ 2-كۈنى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بېرىش كېرەكمۇ ياكى يوقمۇ دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە،" ئەگەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىزنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك سۆھبەتداش دەپ تونىسا، مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا سۆھبەتكە بارساق بولىدۇ" دېگەن قارارنى ئالدى. سۆھبەتكە بارىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھىمجان سابىرھاجى، ئەخمەتجان قاسىمى، ئوبۇلخەيىر تۆرىلەر تەيىنلەندى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى مەجبۇرىيەت ئارقىسىدا ئېلىنغان قارار ئىدى. بىراق، خىتاي ۋەكىلى جاڭ جىجوڭ ھە دېگەندە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قاتتىق تۇردى. يەنە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كونسۇللىرى ئەۋسېيېۋ بىلەن داباشىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ يۇقىرىدىكى ئاساسىي شەرتتىن ۋاز كېچىشكە. خىتاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى"

سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا باشتىن ئاياق قارشى بولغان كىشى ئەلىخان تۆرە ئىدى.

بېتىمغا قانداق قاراش كېرەك؟

sabit-abduraxman.jpg
"شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى. (1928-2005)

1945-يىلى 10-ئايدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە بولغان 8 ئايغا سوزۇلغان سۆھبەت جەريانىدا قاتتىق تالاش-تارتىشلار شۇنىڭدەك ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ كۆپ قېتىم غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، مۇزاكىرىلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى 11 ماددىلىق بېتىم ئىمزالاندى.

11 ماددىلىق بېتىم زادى غەلىبىمۇ ياكى مەغلۇبىيەتمۇ دېگەن تېما ئۈستىدە ئەينى ۋاقىتتىمۇ كۆپ مۇنازىرىلەر بولغان شۇنىڭدەك ھازىرمۇ مەۋجۇت. سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى بېتىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بېتىم ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئارام ئېلىپ كۈچ توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلكىدىكى ئەسكىرى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 100 مىڭغا يەتكۈزۈۋالدى.

سابىت ئابدۇراخماننىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە ئەنە شۇ قەھرىمان مىللىي ئارمىيە بولمىغان بولسا، بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە دۈشمەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمىغان بولسا، قىسقىسى خەلق كۈچلۈك دۇشمەن ئاجىز بولمىغان بولسا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ ئىنقىلابچىلار بىلەن تىنچلىق بېتىم تۈزمەيتتى. ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئارمىيە جۈملىدىن خەلقنىڭ كۈچى ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ بىرى دەپ ھېسابلانغان خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشقا سەۋەب بولدى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بېتىم تۈزۈلۇش بىلەن ئۇرۇش توختىشىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى دۈشمەن بىلەن بولغان سىياسىي كۈرەشنى قەتئىي توختاتماي، مىللىي مەنپەئەتنى چىڭ قوغدىدى.

سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، گەرچە بېتىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت 283 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىندا 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ رايوننى ئىدارە قىلىپ، خىتاي ئارمىيىسىنى كىرگۈزمىدى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قىسقىغىنا بەش يىل ئىچىدە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىدا زور يۈكسىلىشلارغا ئىگە بولدى، قىسقىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنىلا ئۆز دۆلەت بايرىقى، مىللىي پۇلى، ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنلىرى ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيىسىگە تاكى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي ئارمىيىسى كىرگەنگە قەدەر ئىگە بولۇپ كەلدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.