
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئاتاقلىق سىياسىي پائالىيەتچى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرقى قىسىمدا 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ.
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى ئەڭ ئاخىرىدا "مەغلۇپ بولدى" دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، 1944-يىلى نويابىردا غەلىبە قىلغان ئىنقىلاب بەش يىلىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن مەغلۇپ بولدى.
ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى- ئىچكى جەھەتتە ئىدىيە ۋە ھەرىكەت بىرلىكىنىڭ يوقلىقىدۇر
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يەكۈنلەيدۇ؛
"يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ،بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب توغرا نىيەت بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، كۈرەش جەريانىدا ئىنقىلابىي سەپكە ھەر خىل مەقسەت ھەر خىل ئىدىيىدىكى ئادەملەر كېلىپ قوشۇلغان ، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى، ئۆزلىرىنى ھەقىقى ئىنقىلابچىلار دەپ ئاتىۋېلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ ئۆز غايىسى، ئالدىغا قويغان سىياسىي نىشانى بار ئىدى"
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى شۇ چاغدىكى ھەر خىل گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى ۋە غايىلىرىنى ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىدۇ.
1.خىتايغىمۇ، رۇسقىمۇ بېقىنمايدىغان مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرىمىز دەيدىغانلار، ئاۋال ئېلىخان تۆرە، كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى ۋەكىللىك قىلغان گۇرۇپپىدىكىلەر مۇشۇ ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئىدى. 2. بىز خىتاي دۆلىتىنىڭ تەركىبىدە قىلىۋېرىمىز، پەقەت بىزگە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بەرسىلا بولدى دەيدىغانلار،" خ ئى پ" چىلار( خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى) ۋە "چىنى تۈركىستانچىلار" مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر ئىدى.
ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، مانا مۇشۇ ئىككى خىل ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئۆز غايىسىنى قۇۋۋەتلىگەن، ئۆز غايىسىگە ئىنتىلگەن ئىدى. نەتىجىدە ھەرىكەت بىرلىكى تەمىن ئېتىلمىدى، ھەتتا ئىدىيىۋى كۈرەشلەر كېلىپ چىقتى مۇشۇ ئىككى خىل ئىدىيىنىڭ كۈرىشى توختىماي داۋاملاشتى.
سابىت ئابدۇراخماننىڭ قارىشىچە، 40-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەنە شۇ تۈرلۈك پىكىر ئىختىلاپلىرى ئىنقىلابىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر بولۇپ، گومىنداڭ ۋە كوممۇنىست خىتاي ھەم سوۋېت ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەزكۇر ئىدىيە كۈرەشلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان.
ئۇيغۇرلار سوۋېت –خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ قۇربانى
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ھايا ۋاقتىدا رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ھەم باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆز نۇتقى ۋە كىتابىدا مىللىي ئىنقىلابىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلى مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ھېچ قاچان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەركىبىگە شەرتسىز كىرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاننى كوممۇنىستىك خىتاي تەركىبىگە قوشۇۋېتىشنى قارار قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يوق قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، سەيپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، ئۇنى خىتاي ۋە سوۋېت تەرەپ مەخپىي بېيجىڭغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى قانۇنسىزلىقتۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. (ئۈمىدۋار)