
مەرھۇم تارىخچى ۋە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا" ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىڭ ئاخىرلىشىش سەۋەبلىرى بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىنقىلابنى باشتا قوللاپ، ئاخىرىدا ئۇنى قۇربان قىلىۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن-ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى ئوخشاشلا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا سوغا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، موسكۋانىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە توختىلىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ستالىن 1949-يىلىغا كەلگەندە، شۇ چاغدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنى قوللاشتىكى ئاساسىي مەقسىتىگە يەتتى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە ئەركىن يۈرۈپ، يېزا-ئىگىلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سانائەت ماللىرى ۋە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئىشتىن چىققان قوراللىرىنى قىممەت باھادا سېتىش ئارقىلىق ناھايىتى نۇرغۇن ئىقتىسادىي پايدا ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ ۋىلايەتتىن ھەر يىلى 300 مىڭ تۇياق تىرىك مال، 100 مىڭ توننا ئاشلىق ئېلىپ تۇرغان. ئالتاينىڭ ئۇرانى بىلەن ئالتۇنىنى، مايتاغنىڭ نېفىتىنى خالىغانچە ئېلىپ توشۇپ تۇرغان. ئازاد ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئۈرۈمچى تەۋەسىدە بەش يىل ئىچىدە يېرىم مىليون ئەتراپىدىكى ئادەمنى سوۋېت پۇقرالىقىغا يېزىۋېلىپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ھەل قىلغان.
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە:
1.موسكۋا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى كوزور قىلىپ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆز شەرتلىرىگە كۆنۈشكە مەجبۇر قىلدى.
2. موسكۋا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
مەرھۇم تارىخىي شاھىد سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ستالىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق دۆلەت بولۇشىنى ھېچ خالىغان ئەمەس، ئەكسىچە بارلىق ئامىللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشقان. ستالىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىنى پەقەت ئۆزىگە كېرەك بولغاندىلا قوزغاپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ، كېرەك بولمىغاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى خىتاينىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى. بۇ ئىدىيە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ داۋاملاشتۇرۇلدى.
ئىنقىلاب مەغلۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئارزۇ-ئارمانلارنى ئىپادە قىلدى
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى، كىتابىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىپ، 30-ۋە 40-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا، ئەركىنلىككە تەشنا قەلبىنى شۇنىڭدەك بۇ يولدىكى قۇربان بېرىش روھىنى ئىپادە قىلدى. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى دېگەن كۆز قاراشقا كېلىدۇ. ئۇنىڭ يەكۈنىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ 40 يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىنى - ئۆزى ئەڭ ياخشى ئىدارە قىلىش، دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى، جەڭگىۋار خاراكتېرىنى نامايان قىلدى. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئارمىيىلەرنىڭ بىرى دەپ ئۆزلىرىنى ماختىغان مۇنتىزىم گومىنداڭ ئارمىيىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، بىر قېتىممۇ دۈشمەندىن يېڭىلمىدى. 40-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب پەقەت سوۋېت –خىتاي ھەمكارلىقى ئارقىلىقلا مەغلۇپ بولدى خالاس.
سابىت ئابدۇراخمان كىم؟
سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى ياش ۋاقتىدا مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، غېنى باتۇرغا خۇسۇسىي كاتىپ بولغان. كېيىن، مىللىي ئارمىيە سېپىدە شىخو ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولغان ھەمدە مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغاندىن كېيىن،1948-يىلى ئارمىيە سېپىدە" ياش تۈركىستانچىلار" تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇزۇن يىللار خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن تاكى بۇ يىل ۋاپات بولغىچە سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تارىخ تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، بىر قاتار ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. (ئۈمىدۋار)