
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، تىلى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا قىزىقىدىغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەشر قىلىنغان ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۆتكەن ئايدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى بارىش ئادىبەللى ئەپەندى يازغان `شەرقىي تۈركىستان` ناملىق ئەسەر ئىستانبۇل ئىق مەدەنىيەت سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
كىتاب 6 بۆلۈمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەمئىي 192 بەت. كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ ماۋزۇسى `شەرقىي تۈركىستان رايونى` بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆستەڭ ۋە دەريالار، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىقلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمنىڭ ماۋزۇسى` شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى` بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەن سۇلالىسى مەزگىلىدىن مانجۇ ئىمپىراتورلىقى مەزگىلىگىچە بولغان تارىخى ئاڭلىتىلغان. ئۈچىنچى بۆلۈمنىڭ تېمىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇزاق شەرق ۋە خىتاي سىياسىتى بولۇپ، بۇنىڭدا خىتايدا يۈز بەرگەن مۇسۇلمان قوزغىلاڭلىرى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تۈركىستان سىياسىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاڭلىتىلغان. تۆتىنچى بۆلۈمدە ياپونىيىنىڭ تۈركىستان سىياسىتى بايان قىلىنغان. بەشىنچى بۆلۈمنىڭ تېمىسى `شەرقىي تۈركىستاندا جۇمھۇرىيەتلەر مەزگىلى` بولۇپ، 1933 - ۋە 1944-يىللىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. ئالتىنچى بۆلۈمدە سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋە سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى مۇھىم شەخسلەر بۆلۈمىدە، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن مۇھىم كىشىلەردىن مەھمەت ئېمىن بۇغرا، ئەيسا يۇسۇف ئالىپتېكىن، مەسئۇت سابىرى بايقوزى ۋە ئېلىخان تۆرە ساغۇنى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
`شەرقىي تۈركىستان` ناملىق بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى بارىش ئادىلەللى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بارىش ئادىبەللى ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختالدى: "مېنىڭ كەسپىم خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش. مېنىڭچە خىتاي دېگەن ۋاقتىمىزدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختالماسلىق ئەقىلگە سىغمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىدە قىزىقارلىق بىر تېما. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭلاتقىنى بۇيىچە چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. ھازىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. مەن بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا بۇرۇن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىم ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. شۇڭا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قانداق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يازدىم."
بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتىدىكى بىر باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى كىتابىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق يازىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ كىتابنى يېزىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە پەقەتلا كىرىش سۆزى يازدىم دەپ ئويلايمەن. كېلەچەكتە تېخىمۇ ئەتراپلىق بىر ئەسەر يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن. بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قىسقىچە ئاڭلاتتىم، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى مۇھىم شەخىسلەر ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتۈم. چۈنكى تۈركىيىدە بۇ كىشىلەر ئانچە ياخشى بىلىنىپ كەتمەيدۇ. 2000-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيانىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ مەسىلە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. مەن بۇ كىتابتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نېمە ئۈچۈن ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب تېپىشقا تىرىشتىم. بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتقا ئىگە بولۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئورنىنىمۇ بىلىۋالالايدۇ. ھەتتا تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تارىخىنىمۇ بىلىۋالالايدۇ."
بارىش ئادىبەللى ئەپەندى ئەسەرلىرىدە دىپلوماتىيىلىك سۆزلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى: "ئەگەر ئۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ھەقىقىي دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولسا، بىز بۇنى سىپايىلىك بىلەن دەۋاتىمىز. بىز شۇنى دەۋاتىمىز، ئۇ يەردە بىر مىللەت بار، ئەسىرلەردىن بېرى ئۇ توپراقلاردا ياشاپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ دۆلەتلىرىمۇ بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كۇردلارغا دۆلىتى يوق مىللەت دەپ ئىچ ئاغرىتىدۇ. ئەمما خىتايدىكى ئۇيغۇرلار تارىختا دۆلەت قۇرغان مىللەت. شۇڭا مەن ئەسەرلىرىمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلمىي، دىپلوماتىيىلىك ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھازىرغىچە تەيۋەن ۋە خىتاي ھەققىدە كىتابلىرىممۇ نەشر قىلىندى، ھازىر تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە بىر ئەسەر يېزىۋاتىمەن." (ئەركىن تارىم)