ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى - شىنجاڭنىڭ تارىخى (1)


2007.03.14

millward-kitab-150.gif
"ياۋرو-ئاسىيا ئۆتكىلى- شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخى پەنلىرى دوكتورى جامېس مىللىۋاردنىڭ "ياۋرو –ئاسىيانىڭ ئۆتكىلى –شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق كىتابى يېقىندا نىيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئاپتورنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتاب پەقەت بىر دەۋر ھەققىدە ياكى ئايرىم تېما بويىچە يېزىلغان ئەسەر بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئومۇمىي تارىخ كىتابىدۇر.

جامېس مىللىۋارد كىم؟

پروفېسسور جامېس مىللىۋارد ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگە قارىتىلغان ھەم بۇ ھەقتە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ياقىلىغان شۇنىڭدەك بىر قانچە ئون پارچە ماقالە ھەم كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئاپتور يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئاپتور قەدىمكى تارىخ ھەققىدە قىسقىچىلا توختىلىدۇ

پروفېسسور جامېس مىللىۋاردنىڭ "ياۋرو - ئاسىيانىڭ ئۆتكىلى –شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق مەزكۇر كىتابى كىرىش سۆز، خاتىمە ۋە سەككىز بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى دەۋرلەردىن 19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان تارىخىي مۇساپىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قىسقىچە يورىتىلىدۇ.

كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك، گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئېكولوگىيىلىك ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخ دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىنكى قەدىمكى قەبىلىلەر ھەم خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خاندانلىقلىرىدىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈرك قاغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيانىڭ يايلاق ھۆكۈمرانلىق ئەنەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىشقا قارىتىلغان.

نازۇك تېما: شىنجاڭ خەن دەۋرىدىن ئېتىبارەن جۇڭگونىڭ زېمىنىمۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمكى زامان سىياسىي تارىخى بولۇپمۇ، خەن ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى مەزكۇر رايوننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش تېمىسى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق خىتاي ئالىملىرى تەرىپىدىن بىردەك تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان "شىنجاڭ غەربىي خەن دەۋرىدىن ئېتىبارەن جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغان" دېگەن نۇقتىئىنەزەر ئەنە تالاش - تارتىشلارنىڭ تۈگىنىدىن ئىبارەت. چۈنكى، مەزكۇر نۇقتىئىنەزەر بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسىدىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى تارىخشۇناسلارنىڭ شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخشۇناسلىرىنىڭ قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت" سۈپىتىدە بېكىتىلىپ، قويۇق سىياۋىيلاشتۇرىۋېتىلگەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ "شىنجاڭدىكى" ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولىدۇ.

ئامېرىكا تارىخچىسى جامېس مىللىۋارد تارىخىي پاكىتلار بىلەن خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزەرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا رەت قىلىپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش ھەققىدە خۇلاسىلاپ، "خەن سۇلالىسى ھېچ قاچان ھۇنلار بىلەن ئۇيسۇنلار باشتىن ئاخىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان جۇڭغارىيە يەنى شىمالىي شىنجاڭنى ئىگىلىيەلمىگەن. پۈتۈن شىنجاڭنى خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغان دېيىش كېيىنكى تارىخچىلارنىڭ ھەر خىل مەنبەلەرنىڭ بەزىلىرى ئاساسىدا بۇرمىلاپ چىقارغان يەكۈنلىرىدۇر، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخچىلار ھەربىيلەردىنمۇ كۈچلۈك كەلگەن"، "خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاينىڭ رەسمىي ھالدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراش تالاش - تارتىش قىلىش قىممىتىگە ئىگە" دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ كۈرەشلىرى ئىككى نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىرىنچىدىن موڭغۇلىيە ۋە جۇڭغارىيىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ تارىم –تۇرپان ۋادىسىنى ئۆزىنىڭ ئاشلىق مەنبەسى قىلىش كۈرىشى بولسا، ئىككىنچىدىن بۇ شىمالىي تەرەپتىكىلەرگە قارشى ئۇرۇش بولۇپ، خىتايدىكى كۈچلەر كۆچمەن خەلقلەرنىڭ غەربنى بايلىق بازىسى ھەم بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خىتايغا خەتەر ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئىدى. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونغا كېڭىيىشى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلار بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك دۈشمەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەم بىخەتەرلىكنى قوغداش تۈسى ئالغان، بۇ سودا - تىجارەت ۋە يېڭى زېمىنلەرنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس.

ئاپتور ئەسىرىنىڭ مەزكۇر بابىدا يەنە كۆك تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، تۈركلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن كۈرەشلەر جۈملىدىن تاڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى تىكلەش ھەم بۇ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش يولىدىكى كۈرەشلىرى قىسقىچە ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، گەرچە تاڭ سۇلالىسى دەسلەپكى مەزگىللەردە كۈچىيىپ، تۈرك قاغانلىقىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى قىسىمىغا نىسبەتەن مۇستەھكەم ھۆكۈمرانلىق ئورنىتالمىغان، بۇنىڭغا تىبەتلەر توسقۇنلۇق قىلغان بولۇپ، تارىم ۋادىسى دائىم تىبەتلەر بىلەن تاڭ ئارىسىدا تالىشىش نۇقتىسى بولغان. ئومۇمەن، بۇ مەزگىللەردە تارىم - تۇرپان ۋادىسى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ئەلۋەتتە، ئاپتور ئەسىرىدە ئاساسلىقى 19 - ۋە 20 - ئەسىر دەۋرىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەر تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە پەقەت قىسقىچىلا توختالغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىم - تۇرپان ۋادىسىدىكى سىياسىي ۋەقەلەر، ئېتنىك تەركىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ كونكرېت كۆرۈنۈشلىرىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلماي، پەقەت بۇ دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مۇساپىلىرى ھەققىدىكى ئۆز يەكۈنلىرىنىلا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.