"دۇنيادا توقۇنۇش بولغان رايونلار" ناملىق كىتاپتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلگەن

0:00 / 0:00
DunyaCatismaBolgesi.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

تۈركىيە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كامال ئىنات، بۇرھانەتتىن دۇران، مۇھىتتىن ئاتامان قاتارلىق كىشىلەر يازغان "دۇنيادا توقۇنۇش بولغان رايونلار" ناملىق كىتاب ئەنقەرەدىكى نوبېل نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

كىتاب، 708 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ كىتابتا ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، ياۋروپا، كافكاسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، شەرقىي ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى توقۇنۇش مەۋجۇت بولغان رايونلار ۋە ئۇ توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبى ئاڭلىتىلغان. كىتابنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىدا ئافغانىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى توقۇنۇشلار ۋە بۇ توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى تەپسىلى ئاڭلىتىلغان. كىتابنىڭ 327-بەتىدە خەرىتىلەر بىلەن يەر بېرىلگەن "شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى" بۆلۈمىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ بۆلۈم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىزاھاتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئەھمىيىتى، ھۇلاسە دېگەن قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور كامال ئىنات ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھۆرمەتلىك دوكتور كامال ئىنات ئەپەندى، دۇنيا مەسىلىلىرى ئەتراپلىق ئوز ئىچىگە ئېلىنغان بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟

بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى مەن گېرمانىيىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا پەيدا بولغان. ئۇ يەردە دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئاڭلاتقان كىتابلارنى كۆرگەن ئىدىم. تۈركىيىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى يېڭى كەسىپ بولغاچقا كوپ بوشلۇقلار بار. تۈركىيىدە پەقەتلا ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى توقۇنۇشلار ئاڭلىتىلغان كىتابلارلا بار ئىدى. شۇڭا تۈرك خەلقىنى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى توقۇنۇشلاردىنمۇ خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم.

سىز كىتابىڭىزدا ئوتتۇرا ئاسىيانى كەلگۈسىدە ئەڭ كوپ توقۇنۇش مەيدانغا كېلىدىغان رايون دەپ كۆرسىتىپسىز. ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ، نېمە ئۈچۈن ؟

كۆڭلىمىز دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە توقۇنۇش بولۇشىنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى نەزىرىيەلەردىمۇ داۋاملىق تىنچلىقنى ياقىلايمەن. ئەمما دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن يەرلەردە توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇ يەردە مۇستەقىل دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى. بۇرۇندىن تارتىپ توقۇنۇش مەيدانى بولۇپ كەلگەن تۈركىستان جۇغراپىيىسى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يېڭىدىن توقۇنۇش رايونىغا ئايلاندى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ كۇن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايلار بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى باستۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى. قىسقىسى، تۈركىستان رۇسىيە بىلەن خىتايىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تەڭپۇڭ رايون. ئامېرىكىنىڭ بۇ يەرگە قىزىقىشى بۇ ئۇچ چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشقا سەۋەپ بولماقتا. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەتتە بۇ رايوننى توقۇنۇش رايونى دىيىشكە بولىدۇ.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە چىققان كىتابلاردا شۇنداقلا سىزنىڭ كىتابىڭىزدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بېرىلىپتۇ. بۇنىڭ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق بىر تەسىرى بولار؟

1949 - يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىندى. خەلقئارادا تىبەت مەسىلىسى بەك تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئانچە تىلغا ئېلىنمىدى. شۇنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىمكى، ئەگەر بىر مەسىلىگە غەرب دۇنياسى كۆڭۈل بۆلسە ئۇندىن كېيىن دۇنيامۇ كۆڭۈل بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى گەرب دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. مەسىلەن، يېقىندا گېرمانىيىدە چىققان بىر ژورنالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان بىر ماقالە بار ئىدى. ئۇ ماقالىدە خىتايلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېزىلغان. بەلكى، تۈركىيىدە بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى گېرمانلارغا ئوخشاش خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن تىلغا ئېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.

سىزچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرامۇ؟

سوئالىڭىزنى ئىككىگە بولۇپ جاۋاپلاش مۇمكىن. بىرىنجىسى، تۈركىيە بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن كۆڭۈل بولىشى مۇمكىن، چۈنكى غەرب دۇنياسى بۇ مەسىلىگە ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن كۆڭۈل بولىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھەر يىلى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا يەر بېرىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئەھۋال. ئىكىنجىسى، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى بولغاچقا ھېچبىر مەنپەئەت كۈتمەستىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىشى كېرەك. مەنچە تۈركىيە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۇرغۇزىدۇ.

ھۆرمەتلىك دوكتور كامال ئىنات ئەپەندى بۇ كىتابنى ئېلىشنى خالىغانلار قەيەردىن ئالالايدۇ؟

بۇ كىتابنى نوبېل نەشرىياتى نەشىر قىلدى. تۈركىيىدىكى پۇتۇن كىتابخانىلاردا سېتىلىۋاتىدۇ. بۇ يەرلەردىن ئالغىلى بولىدۇ.