
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى ئۆتكەن ئاي ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر بۇرۇن تۈركچە، ئۆزبېكچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە، پارىسچە ۋە خىتايچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. كىتاب 9 - بولۇپ ئەزەربەيجان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغان.
تۈركىي تىللار دىۋانى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۈركولوگ رەمىز ئەسكەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھازىر كىتابنى يەنە رۇسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. بۇ كىتابنىڭ بېسىلىشىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 9-رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ باش قىسمىدا ئەزەربەيجاننىڭ مەرھۇم جۇمھۇر رەئىسى ھەيدەر ئالىيېۋ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 9-جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ رەڭلىك رەسىملىرى قويۇلغان.
بىز بۇ ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنى ئەزەربايجان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ھۆرمەتلىك پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟
- مەن 1954-يىلىدا قاراباغدىكى ئاماسيا ناھىيىسىنىڭ قاراچانتا يېزىسىدا تۇغۇلدۇم. موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژورنالىستلىق كەسپىنى پۈتتۈردۈم. 36 يىل ژورنالسىتلىق قىلدىم. ھازىر ئەزەربەيجان ژورنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن. باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن. يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ "قوتادغۇبىلىك"، فارۇك سۆمەرنىڭ "ئوغۇزلار" ناملىق كىتابىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردۇم. ئەڭ مۇھىمى مەن تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەربەيجانچىگە تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىۋاتىمەن.
- ھۆرمەتلىك پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى، يېقىندا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىپ ئەزەربەيجاندا نەشىر قىلدۇرۇپسىز. بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
- مەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە يەنى 1986-يىلىدا بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇ مەزگىلدە بۇ خىل كىتابلارنى باستۇرۇش ناھايىتى قېيىن ئىدى. 20 يىللىق ئەمگىكىم نەتىجىسىدە كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى تاماملاپ كىتابنى نەشىر قىلدۇردۇم. كىتاب 4 جىلت شەكلىدە نەشىر قىلىندى. بىرىنجى جىلت 512 بەت، ئىككىنچى جىلت 400 بەت، ئۈچۈنچى جىلت 400 بەت، 4-جىلت بولسا 752 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەمئى 2080 بەتلىك ئەسەر بولدى.
- ئەزەربەيجاندا قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى، قاچان نەشىر قىلىندى، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
- بۇ ھەقتىمۇ سىزگە مەلۇمات بېرەي. مەن بۇ ئەسەرنى 2005-يىلى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈپ بولغان ئىدىم. پۈتتۈرگەندىن كېيىن باستۇرۇش ئۈچۈن ياردەم ئىزدىدىم. ئەزەربەيجاندىكى بايلار كونا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئوقۇغان بولغاچقا بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. باستۇرۇش ئۈچۈن ئامالسىز قېلىپ، تۈركىيىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلگە خەت يازدىم. ئەسەرنى بېسىش شەرىپىنىڭ ئۇنىڭغا ئائىت بولۇشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلقىمنى دېدىم. جۇمھۇر رەئىسى ئۆزى بىۋاستە ماڭا تېلېفون قىلىپ مېنى ئەنقەرەگە تەكلىپ قىلدى، تەرجىمەمنى ئېلىپ باردىم. ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئەزەربەيجاندىكى ئىككى قۇرۇلۇشقا يوليورۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاتا شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئەسەر ئوزان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
- ھۆرمەتلىك رامىز ئەسكەر ئەپەندى، ئەزەربايجاندا بۇ كىتاب بۇرۇن نەشىر قىلىنغانمۇ ؟
- سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئەزەربەيجاندا بەزىلەر بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ نەشىر قىلىنمىغان ئىدى. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ خىل كىتابلارغا قارشى ئىدى. تۈركىي تىللار دىۋانى ھەتتا رۇسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان. ئەمما ئەسەر بۈگۈنگىچە باشقا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. 1928-يىلى نېمىسچىگە، 1939-1943-يىللىردا بېسىم ئاتالاي تەرىپىدىن تۈركچىگە، كېيىن 1966-يىللاردا سالىم مۇتەللەپوپ ئىسىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىنغان. 1982-1984-يىلىدا بولسا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچىگە، 1983-1985-يىلى روبېرت دانكوف تەرىپىدىن ئامېرىكىدا ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان. 1997-98 يىللىرىدا ئاسكار ئەگەئۇبايەف تەرىپىدىن قازاقچىگە، 2004-يىلى پارىسچىگە ۋە ئاخىرى بولۇپ مەن 2005- يىلى ئازەرىچىگە تەرجىمە قىلىپ باستۇرغان بولدۇم.
- ھۆرمەتلىك پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى، سىز بۇ ئەسەرنى قايسى تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلدىڭىز؟
- مەن تۈركىيە تۈركچىسىدە بېسىلغان نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلدىم. قولۇمدا ئورگىنالىمۇ بار ئىدى. ئەڭ كۆپ ئۆزبېكچە، ئۇيغۇرچە، پارىسچە تەرجىمىلىرىدىن پايدىلاندىم. مەن كىتابقا 985 ئىزاھات بەردىم. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، كىتابتا 9000 ئاتالغۇ بار. ھەر 9 سۆزنىڭ بىرىدە ئوخشىمىغان ئوقۇش شەكلى بىلەن قارشىلاشتىم. مەن بۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى يازدىم. مەن بۇ 4 تىلدىكى تەرجىمىسىنىڭ ھەممىسىنى بىردىن - بىردىن ئوقۇپ سېلىشتۇرۇپ چىقتىم. مەن يۇقىرىقى كىتابلاردىن ئەتراپلىق پايدىلانغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ تەرجىمەم ھازىرغىچە قىلىنغان تەرجىمىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى دەپ قارايمەن.
- پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەپەندى، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ھازىرغىچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ كىتاب ھەققىدە تېخى بىر ئەتراپلىق تەتقىقاتنىڭ ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. بۇرنىغا قانداق قارايسىز؟
- ئەسلىدە بەزى تەتقىقاتلار بار. مەن تەرجىمە قىلغان نۇسخىغا كەلسەك، بۇ كىتابتا ئۆزەمنىڭ بىر231 بەتلىك تەتقىقاتىم بار. ھەر جىلتكە بىر كىرىش سۆز يازدىم. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ گرامماتىكىسىنى يېزىپ كىتابقا قويدۇم. ھەر بەتكە كۆپ ساندا ئىزاھات بەردىم. بۇلاردىن باشقا تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەر يېزىلدى. مەن "قوتادغۇبىلىك" ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولغاچقا ئۇ مەزگىلدىكى تىلنىمۇ ياخشى بىلىمەن. شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ مېنىڭ نۇرغۇن ماقالىلىرىم ھەرخىل تىللاردا ئېلان قىلىندى. (ئەركىن تارىم)