
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى ئۆتكەن ئاي ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر بۇرۇن تۈركچە، ئۆزبېكچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە، پارىسچە ۋە خىتايچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. كىتاب 9 - بولۇپ ئەزەربەيجان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغان.
تۈركىي تىللار دىۋانى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۈركولوگ رەمىز ئەسكەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھازىر كىتابنى يەنە رۇسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. بۇ كىتابنىڭ بېسىلىشىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 9-رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ باش قىسمىدا ئەزەربەيجاننىڭ مەرھۇم جۇمھۇر رەئىسى ھەيدەر ئالىيېۋ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 9-جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ رەڭلىك رەسىملىرى قويۇلغان.
بىز بۇ ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنى ئەزەربايجان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
- ھۆرمەتلىك رەمىز ئەسكەر ئەپەندى، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەزەربەيجان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار سىزچە؟
- بۇنىڭ زور ئەھمىيىتى بار. سىزگىمۇ مەلۇم، تۈركىي مىللەتلەر 3 چوڭ ئائىلىگە ئايرىلىدۇ. بۇلار ئەزەربەيجان، تۈركمەن، تۈركىيە تۈركلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوغۇز ئائىلىسى بولۇپ بۇلارنىڭ ئورتاق ئەسىرى قورقۇت ئاتادۇر. ئىككىنچى ئائىلە بولسا، قىپچاق ئائىلىسىدۇر. بۇنىڭغا قازاق، قىرغىز، قاراقالپاق ۋە نوغايلار كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئورتاق داستانى بولسا ماناس داستانىدۇر. 3 -ئائىلە بولسا قارلۇق ئائىلىسى بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبەكلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنىڭ ئورتاق ئەسىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "قوتادغۇبىلىك" دېگەن ئەسىرىدۇر. تۈركىي تىللار دىۋانى بولسا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق شاھ ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئەزەربەيجاندا نەشىر قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر تۈركىي تىللار دىۋانىسىز ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى توغرا ئوقۇيالمايدۇ. تۈركىي تىللار دىۋانى بولماي تۇرۇپ، بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇنقى تۈركچىنىڭ سۆز بايلىقى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئۆرپ -ئادەت، فولكلور، سەنئىتىگە ئوخشاش قىممەتلەرنى توغرا تونۇيالمايمىز. بۇ ئەسەردە ئەسكىرى ئۇنۋان، قورال ياراق ئىسىملىرى، داستانلار، قوشاقلار، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، كېسەللىكلەرنىڭ ئىسىملىرى، چالغۇلارنىڭ ئىسىملىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تاپالايسىز. مەسىلەن، تۈركىي تىللار دىۋانىدا 40 خىل تاماقنىڭ ئىسمى بار. يەنى بۇ ئەسەر 1000 يىل ئاۋالقى تۈركلەرنىڭ ئەينىكىدۇر. شۇڭا يېڭى مۇستەقىل بولغان ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئەسەر دەپ قارايمەن.
- سىز بىر ژورنالىست تۇرۇقلۇق تۈركولوگىيە ساھەسىدە كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپسىز. تۈركولوگىيىگە قىزىقىشىڭىز قانداق پەيدا بولغان؟
- بۇ قىزىقىش تا بالىلىق يىللىرىمدىن تارتىپ بار ئىدى. مەن ئەرمىنىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ يەردە بىزگە بېسىم بار ئىدى. مەن بېسىم يىللىرىدىمۇ داۋاملىق تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرىنى كۆرۈپ رادىيولىرىنى ئاڭلايىتتىم. كېيىن موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ داۋاملىق تۈركلەر بىلەن ئارىلاشتىم. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە تۈرك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم ۋە زۇلۇم كۆرەتتۇق ئەمما كۆرگەنسېرى مىللەتچىلىك ھېسسياتلىرىمىز كۈچەيگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مەن تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە ۋە تۈركولوگىيەگە قىزىقىشقا باشلىغان ئىدىم.
- ھۆرمەتلىك پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى سىز تۈرك دۇنياسىغا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئۆزىڭىزنى ئاتىغان بىر كىشى ئىكەنسىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى نېمە سىزچە؟
- ئەركىن ئەپەندى، مەن 1993-يىلىدا ئۈرۈمچىگە باردىم. ئەسلىدە تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تېپىش ئۈچۈن بارغان ئىدىم. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشتىم، ئۇيغۇرچە ئەزەربەيجانچىگە بەكلا يېقىن ئىكەن. مەن ئۇ يەردە مويسىپىت ئۇيغۇرلارنى كۆرگەندە ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننى بىلەمسىلەر، دەپ سورىسام قورقۇپ گەپ قىلالمىدى. ئەمما ياشلارغا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كىم؟ دەپ سورىسام ھېچكىم بىلەلمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بىزدىمۇ شۇنداق بولغان. ئەمما ھازىر ئازەربايجاندا ھەممە ئادەم شەرقىي تۈركىستاننى بىلىدۇ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى بىلىدۇ. خۇدا بۇيرىسا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولسا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىزنى ياخشى بىلەر. ھازىر خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئۆز تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بىز بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆگەتمەيدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ، مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۇ يەردىكى ئەھۋالىنى بەك ياخشى بىلىمەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، تۈركىي مىللەتلەر بىر-بىرىمىزنى ياخشى چۈشەنمەيمىز، ھەتتا قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنىمۇ ياخشى بىلمەيمىز.
- ھۆرمەتلىك پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى بۈگۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆپى ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى، سىز تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكىگە قانداق قارايسىز؟
- مەن بۇنى سىزگە ئاڭلىتاي. باكۇدە شانس ناملىق بىر گېزىت چىقاتتى. بۇ گېزىتتا 30 دەك ئوبزورۇم ئېلان قىلىندى. ماقالىلىرىمدا تۈركىي دۆلەتلىرى بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ماقالەمنى ئوقۇغان نۇرغۇن كىشىلەر مېنى خىيالپەرەس دەپ ئەيىپلىدى. ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ بۇ كۆز قارىشىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. مەنچە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا ئالدى بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىرلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىرلىكنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئوخشاش بىر بىرلىك قۇرۇلمىغان تەقدىردە دۇنيا سىياسىتىدە سۆز ئىگىسى بولالمايمىز، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ئىگە چىقالمايمىز. تۈرك زىيالىلىرى بۇنى ئۆز خەلقىگە ئاڭلىتىشى كېرەك. بۇ ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە تۈرك دۇنياسى دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئايلىنالايدۇ.
- تۈركىيەدىكى بەزى ئوبزورچىلار كېلەچەكتە خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىغا رەقىپ بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشۈدۇ، سىز خىتاينىڭ كېلەچېكىگە قانداق قارايسىز؟
- تارىخى دىئالېكتىك دەيدىغان بىر نەزەرىيە بار. تۈركلەرنىڭ 3 چېدىردىن تەركىپ تاپقان قايا قەبىلىسىدىن بۈيۈك ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، 3 قىتئەگە ھاكىم بولۇپ ئاخىرى يىمىرىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ يىمىرىلگەن. خىتايمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا چوقۇم يىمىرىلىدۇ. بۇ دىئالېكتىكىلىق قانۇنىيەت، كۈچلىنىپ، كۈچلىنىپ بېرىپ ئاخىرىدا ئاجىزلاش. خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى، ئەمدى پارچىلىنىش ۋاقتى يېقىنلاشماقتا. يېقىن كەلگۈسىدە خىتايلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەممىسى چوقۇم ئازادلىققا ئېرىشىدۇ.
- ئەڭ ئاخىرىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا نىمە دېمەكچىسىز؟
مەن يېقىندا تۈركىيىنىڭ 9 – رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە كېلىمەن. تۈركىيە تىل تەتقىقات ئورنىدا تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنى تونۇتىمىز. ئۇ ۋاقىتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسغىمۇ زىيارەتكە كېلىمەن. مەن رادىئو ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سەۋرى-تاقەت تىلەيمەن، ئاللاھتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. (ئەركىن تارىم)