
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە ئۆز ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تاشكەنتتە يېزىپ پۈتتۈرگەن "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسلىمە خاراكتېرلىق ئەسىرىنىڭ 1-تومىنىڭ دەسلەپكى بابىنى "قەشقەرگە ئۆتۈش" دەپ ئاتىغان.
ئاپتور بۇ باپتا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قەشقەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى شۇنىڭدەك 1917-1920-يىللىرىدا رۇسىيىدە يۈز بەرگەن چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك ۋەقەلەر ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ نەزىرىدىكى بولشىۋىكلەرنىڭ ماھىيىتى
ئەلىخان تۆرە سوۋېت بولشىۋىك ھاكىمىيىتىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەب بولشىۋىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شەپقەتسىزلىكلىرى، خەلقنى سىنىپلارغا ئايرىش بىلەن تەپرىقىچىلىق، مىللىي ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقلىرى ۋە باشقىلار ئىدى. ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۆز بايانلىرىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ:
- ھايات تارىخى-ئىنسانلارنىڭ سىنىپىي كۈرەشلىرىدىن ئىبارەت دېگەن خاتا پىكىر كارل ماركس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ھەسەد ئوتلىرى قوزغىلىپ، ئىنسانلار ئالىمىگە پىتنە-پاساتلار ئىشىكى ئېچىلغان ئىدى. بۇ پىكىرنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ قولىغا ھۆكۈمەت ئۆتكەندىن كېيىن، خەلق ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي ئايرىمىچىلىقنى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئىشچىلار ھاكىمىيىتى نامىدىن دەھشەتلىك قانۇنلارنى چىقاردى.
- ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قارا ئىشچى، نادان دېھقانلاردىن باشقا خەلق ئىچىدە ھەقلىق(قانۇنلۇق) ۋە (قانۇنسىز)ھەقسىز دېگەن پىتنە غەۋغاسى باشلاندى. دىندارلارنىڭ سۆزى بويىچە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، دەھرىلەرنىڭ سۆزى بويىچە، تەبىئەت قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىق ئالىمىدە باراۋەر ھوقۇقى بىلەن يارىتىلغان ئىنسانلار ئىچىدىن بىر قىسىمىنى، ئۆزلىرى چىقارغان خىيالىي قانۇنلىرىغا ئاساسلىنىپ،ئۇلارنى ھاياتلىق ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئېتىلغان-چېپىلغان گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ھېسابى يوق ئىدى. ئۇلاردىن ئېشىپ قالغان قانۇنسىزلار ۋە ھەم قېچىپ يۈرۈپ قولغا چۈشمىگەن كىشىلەر ھەققىدە ھەر تۈرلۈك جازالار بەلگىلەندى. بەزىلىرىنىڭ بارلىق بايلىقلىرى(نەرسىلىرى) مۇسادىرە قىلىنىپ، بالا-چاقىلىرى كوچىلارغا ھەيدىلىپ، ئۆزلىرى يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىندى. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماقلارغا ئېلىنىپ، ئېغىر ئىشلارغا سېلىندى. خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بەزى بىر ئادەملەرنى قورقىتىش ۋە ئالداش يوللىرى بىلەن يوشۇرۇن خىزمەتلەرگە باغلىدى.
- ئۇرۇش-تىللاش ۋە قىيناشلار دەھشىتىدىن ئىمانلىق –ئىمانسىن، ۋىجدانلىق-ۋىجدانسىز كىشىلەر، بۇ مەنسەپپەرەس جاللادلار ئالدىدا (بىر تەكىس) تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى، تاپشۇرۇقلار تولۇق رەۋىشتە بېجىرىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنىڭ دەرھال ئەمەلگە ئېشىشى شۈبھىسىز ئىدى. ھېچ قانداق گۇناھسىز، ئۆزلىرىگە قارشى دەپ بىلگەن كىشىلەرنى شەپە چىقماس يەر ئاستى ئۆيلەرگە كىرگۈزۈپ، قىيناش ئاستىدا ئۆلتۈرۈش كەبى ۋەھشىلىكلەر ئادەتتىكى ئىشلاردىن ئىدى. بۇ جاللاتلارنىڭ قولىغا چۈشكەن بەختسىز مەزلۇملار، قىيناشنىڭ قاتتىقلىقىدىن كۆڭۈللىرىدىكى سۆزلىرى، كۆمۈلگەن ماللىرىنى يوشۇرۇپ قېلىش بۇياقتا تۇرسۇن ئۆمرىدە ئاڭلىمىغان، كىشىڭ خىياللارىغا كىرمەيدىغان سىياسىي تۆھمەت سۆزلىرىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى پاجىئەلىك ھالاك بولدى".
ئەلىخان تۆرە بىر مەزگىل تۇڭگانلار ئارىسىدا يوشۇرۇن ياشىغان
ئەلىخان تۆرە ئۆز يۇرتى توقماقتا تۇرالماي، بىر مەزگىل سۇقۇلۇق دېگەن جايدىكى تۇڭگانلار ئارىسىدا ياشايدۇ. بۇ تۇڭگانلار ئەسلىدە ياقۇپ بەگ قوزغىلىڭى زو زوڭتاڭ تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قەشقەرىيىدىن قېچىپ ئۆتكەن بەيياڭخۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىدى.
ئەلىخان تۆرە تۇڭگانلارنىڭ ھىمايىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ دىنىي بىلىمىلا ئەمەس، بەلكى راسچىل، سەمىمىي بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ئىدى. ئۇ تۇڭگان خەلقىغە ھەم يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئەلىخان تۆرە تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
- ئىنقىلاب باشلانغان دەۋرلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك كىشىلەر ئۆز ئۆيلىرىگە سىگمىغانلىقىدىن مەن ھەم ئوز ۋەتىنى توقماق شەھىرىدە تۇرالماستىن بىزدىن يۈز چاقىرىم يىراقتىكى سۇقۇلۇق دېگەن جايدا، تۇڭگانلارنىڭ ئىچىدە كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى بۇخارا ئوقۇشىنى شۇ زامان ئادىتى بويىچە پۈتتۈرۈپ، قايتقىنىمدا دىنىي ئىلىم ئوقۇغۇچىلىرى ئاز بولسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە تېپىلار ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن بىزلەرگە ياردەمچى ئىدى. تۇڭگان خەلقىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارىخىنى ئورنى كەلگەندە ئەلۋەتتە يېتىشىمىز بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىزدۇر.
-1919-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا پىشپەككە قاراشلىق قارا بالتا، ئاقسۇ كەبى 18 رۇس قىشلىقى بىرلەشكەن ھالدا بولشىۋېكلەرگە قارھسى قوزغىلاڭ كۆتەردى. بايلىققا توشقان پىشپەك، سۇقۇلۇق تۇڭگانلىرى ھەم چۈشەنمەسلىكتىن بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالدى، نەتىجىدە تارتقۇلۇق پۈتۈنلەي ئۇلارنىگ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئەڭ ئېغىر زەربىلىك كالتەكلەر بۇلارنىڭ باشلىرىدا ئوينىتىلدى. شۇنداق قىلىپ، قىزىل ئارمىيە بەش يۈز ئۆيلۈككە يەتمىگەن سۇقۇلۇق تۇڭگانلىرىدىن سەككىز يۈز كىشىنى ھەيدەپ كېلىپ، بازار ئوتتۇرىسىدا پىلىموتقا تۇتتى. ئۇلار ئىچىدىن ئوق تەگمەي قالغان ياكى يارىدار بولۇپ، جېنى چىقماي تۇرغانلارنى قىزىل ئەسكەرلەر ئارىلاپ يۈرۈپ، نەيزىلەپ ئۆلتۈردى، قوزغىلاڭچىلار مەركىزى بولغان بەش مىڭ چامىلىق ئاقسۇلۇق رۇسلاردىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى كۆرگەنلىرىم ئوتتۇزدىن ئاشمىغان ئىدى.
ئاللاھ ساقلىسا بالا يوق دېگەندەك شۇ يىلى سۇقۇلۇققا بېرىشتىن مېنى ساقلاپ، بۇ كەبى نەتىجىسىز، قانلىق قوزغىلاڭ ئاپەتلىرىدىن ئۆزى ئاسراپ قالدى. شۇ ۋەقە بولغاندا مەن توقماقتىن سەككىز چاقىرىم شىمال تەرەپتىكى تۇڭگان قىشلىقى قاراقوڭغۇز مەسچىتىدە ئىدىم. پىشپەك، سۇقۇلۇق قاچاقلىرى قىلىچ، مىلتىق كەبى بارلىق قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا تونىغان-تونىمىغان ئارىلاش مەنى ئىزدەپ، كىرىپ كېلىشتى. بۇنى كۆرگەن مەشچىت قوۋملىرى ئۆز باشلىرىدىن قورقۇشۇپ، ۋە يانا مەنى ئايىغانلىقلىرىدىن ئۇلارنى بۇ يەردە قوندۇرماسلىق ئۈچۈن مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق مەن بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرمىدىم. بۇ كەبى زور ئاپەتلەردىن مېنى نەچچە قېتىم ساقلاپ قالغان مېھرىبان تەڭرىم ئىلتىپاتىغا ئىشەنگەنلىكىمدىن بۇ مەزلۇملارنى ئەرلەرچە ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ، سۇنۇق كۆڭۈللىرىنى كۆتۈردۈم. ئۇلار بۇ يەردە يوشۇرۇپ ئېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن ، ئىلگىرى-ئاخىرى ئىككى –ئۈچ كۈن تۇرۇشقاندىن كېيىن، ئالمۇتا، يەركەنت چېگرىلىرى ئارقىلىق غۇلجىغا ئوتمەكچى بولۇپ كەتتى".
ئېلىخان تۆرە خاتىرىسىدىكى تۇڭگانلار
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى، ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي 1919-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا يۈز بەرگەن رۇس، تۇڭگان ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بولشىۋىكلەرگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىنى خۇلاسىلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇ سۇقۇلۇق رايونىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىغا تايىنىپلا، ئۆزىدىن قۇدرەتلىك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلغان بولسىمۇ، بىراق پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ۋە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا نىسبەتەن قاتتىق ئېچىنىشىنى ئىپادە قىلىدۇ.
ھەقىقەتەن، تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، سوۋەت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن دەسلەپكى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭلار پارتلىغان ئىدى. بۇ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئۆزبېك، قىرغىز، تۇڭگان، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر سوۋەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تاكى 90-يىللارغىچە "باسمىچىلار ھەرىكىتى" دەپ ھاقارەتلىنىپ كەلگەن .
شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭلار سوۋەت كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى فرۇنزى تەرىپىدىن دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغان بولۇپ، يەتتە سۇدىكى بىر قانچە ئون ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا قىرغىن قىلىنغان ئىدى. بۇ ۋەقە تارىختا" ئاتۇ ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان . دېمەك، ئەلىخان تۆرە ئەنە شۇ پاجىئەلەر ھەققىدە يېزىشنى مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت دەپ بىلگەن. (ئۈمىدۋار)