ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (3)
2005.06.09

ئەلىخان تۆرە 1919-يىلى ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا يۈز بەرگەن كوممۇنىستلارغا قارشى بىر مەيدان قوزغىلاڭنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېچىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە گەرچە بۇ قوزغىلاڭغا ئىسسىق كۆل بويلىرىدىكى يېزىلاردا ئولتۇرۇشلۇق رۇسلارمۇ قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ ،پەقەت ئوتتۇز نەچچە كىشىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ خالاس. ئەمما قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر جۈملىدىن تۇڭگانلار دەھشەتلىك تۈردە كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدۇ.
يېگەن تۇزنى قايتۇرۇش يولىدا
ئەلىخان تۆرە بۇ چاغدا تۇڭگانلار ئارىسىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ دادىللىق بىلەن بىر قانچە شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، سۇقۇلۇقتىكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، پالاكەتكە يولۇققان خەلقتىن ھال سوراش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"سۇقۇلۇق تۇڭگانلىرىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ، ياخشىلىقلىرىنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشەنچىلىك شاگىرتلىرىم ۋە دوستلىرىم كۆپ ئىدى. بۇنداق ۋاقىتلاردا بېرىش خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق چىداپ تۇرالماي ئۈچ تۆت شاگىرتىم بىلەن بىر ھارۋا ئادەم بولۇپ، سۇقۇلۇق تەرەپكە يول ئالدۇق. پىشپەككە كەلگىچە تۇڭگان قەلئەسى يول ئۈستىدە بولغانلىقىدىن، ئۇنى ئارىلاپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. يېقىنلىشىپ بارغان ساينىڭ بويىدىكى كۆز كۆرگەن كۆڭۈلسىز نەرسىلەرنى تىل سۆزلەپ، قەلەم يېزىپ چىدىيالمايدۇ. مۇنتىزىم ئەسكەرلەرگە، قوراللىق قوشۇنغا، تىلى بۆلەك، دىنى بۆلەك بىر قانچە توپ قۇرۇق قول، قارا كۈچ كىشىلەر قانداقمۇ تاقابىل تۇرالىسۇن؟"
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئەينى ۋاقىتتا تۇڭگان قاتارلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنىڭ پەقەت ئۆز غورۇرلىرى ۋە روھىغا تايىنىپلا قۇدرەتلىك دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغانلىقىنىڭ ئورۇنسىز قۇربان بېرىشكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېچىنىپ، بۇنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەشكە تىرىشىدۇ.
ئېغىر پاجىئەدىن تۇغۇلغان تەجرىبىلەر
ئەلىخان تۆرە سۇقۇلۇق ۋەقەسىدىن ھېس قىلغان تەجرىبىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
" ئىلاھ تەرىپىدىن تەبىئەت ئالىمىگە ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرگە ۋە شۇ تەبىئەت قانۇنلىرىغا بويسۇنماستىن باشقا ھېچ چارىلەر يوقتۇر. ئۇرۇش پەنلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە، ئەسكەرلەرنىڭ سانى، قورال –جابدۇق ۋە ئەسكىرى ئىنتىزاملىرى، ئەڭ بولمىغاندا دۈشمەننىڭكىدىن تۆۋەن ۋە ئاز بولماسلىقى بىرىنچى شەرتتۇر. ئەگەر شۇ شارائىت قولغا كەلسە، ئۇ ھالدا دىنىي، مىللىي ھاقارەتكە بويسۇنماستىن ،دۈشمەنگە قارشى قورالغا قول سۇنۇش، ئەلۋەتتە پەرز بولىدۇ. بۇنداق ئىمكانىيەت بولمىغان تەقدىردە ، ئورۇنسىز ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ۋاقتىنچە سەبىر قىلىشتىن باشقا چارا يوقتۇر. بىز ھازىر شۇنداق شارائىتسىز، ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا تۇرۇپتىمىز، مەھەللە كوچىسىدىن ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا يول بويلاپ، بۇلاڭ-تالاڭ قالدۇقلىرى، چېچىلىپ ياتقان نەرسىلەر، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىمارەتلەر ئىچىدە ۋەيران بولۇپ، يىقىلىپ ياتقان تاملار كۆزگە تاشلىناتتى. بۇلارنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرىمىز قۇرىماستىن شۇ يۈرگۈنىمىزچە مەزلۇملار قانلىرى بىلەن بويالغان سۇقۇلۇق قىشلىقىغا كىردۇق. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپلا بارغىنىمىز ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىلغان-چېپىلغانلىرى، كوچا قانلىرى تازىلانغان بولسىمۇ، بىراق قىرغىنچىلىقنىڭ باشقا بەلگىلىرى تېخى يوقالمىغان ئىدى. ساقچى كىشىلىرى بىزنىڭ باشقا ياقتىن كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ئالدىمىزنى توسۇپ، ئىدارىسىغا ئېلىپ باردى. ئۆلگەنلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى، يېتىم بالىلىرىغا ئاتالغان بىر قانچە كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق. كېيىن، يول خەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ بىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئارىمىزدا ئىشەنمەسلىك پەيدا بولۇپ، خېلى كۆپ سۆز بولدى".
مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەش
ئەلىخان تۆرىنىڭ يېزىشىچە، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن مىڭ تەسلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، پالاكەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورايدۇ. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشىدۇ ھەمدە دەرھال قەشقەر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ پاناھلىنىش قارارىغا كېلىدۇ:
"مەلۇمدۇركى، مەھكۇملۇقتا ئېزىلگەن، قورالسىز، دۇدۇقلاپ قالغان تىللار، غەلىبە زۇلۇملىرى بىلەن مەغرۇرلۇنىۋاتقان، ھەر بىرىنىڭ تۇمشۇقىدىن توڭگۇز قۇرتى چۈشۈۋاتقان قوراللىق، ھاكىم تىللار(شاخدام تىللار) ئالدىدا نېمە دېيەلىسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن غالىپ دۈشمەن ئالدىدىن قانداق قىلىپ بولمىسۇن قۇتۇلۇپ چىققىنىمىزدىن كېيىن، ياردەمگە ئېلىپ كەلگەن ئازدۇر-كۆپتۇر نەرسىلىرىمىزنى تارقاتتۇق. ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە كۆز يېشىمىز بىلەن قىرائەت ئوقۇپ، كۆڭۈل ئېيتتۇق. بۇ پايدىسىز ئۇرۇشتا مېنىڭ ئۆز شاگىرتلىرىمدىن يىگىرمىدىن ئارتۇق كىشى شېھىت بولغان ئىدى. بۇلاردىن ئەڭ چوڭلىرىنىڭ يېشى ئوتتۇزدىن ئاشمىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ جايدا ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرغىنىمىزدىن كېيىن، يەنە توقماققا قايتىپ كەلدۇق".
"قىشنىڭ ئۆتۈشى يېقىنلىشىپ، يەردىن كۆكاتلار يېڭىغىنا باش كۆتەرگەن ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى، كوچا ئىشىكىمىزدىن بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام، ئۆز مەھەللىمىزدىكى مىرزاباي دېگەن كىشى ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرگەچ، كۆزىگە ياش ئېلىپ،" سىزگە ياخشىلىقلاردىن باشقىنى تىلىمەيمىز، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئالدىدا ئاڭلىغىنىم بويىچە، ئۈستىڭىزدىن ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەر بار ئوخشايدۇ. ئەمدىكى مەسلىھەت شۇكى، بەزى ئىشلار يۈز بەرگۈچە، ئورۇن ئۆزگەرتىپ، باشقا يەردە تۇرۇشىڭىز ياخشىراقتەك كۆرۈنىدۇ" –دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئويلىنىپ، قانداقلا بولمىسۇن بىر ئېھتىيات سەۋەبىدىن، يات بىر ھۆكۈمەت تۇپرىقىغا ئۆتمەكچى بولۇپ، سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشتىم". لېكىن، باشقا چېگرىلار بىزدىن يىراق بولغانلىقتىن، قەشقەر تەرەپكە ئۆتۈشنى ماقۇل كۆردۈم. جانپىدا شاگىرتلىرىمدىن تۇڭگان داۋۇد خوجا مەن بىلەن سەپەرداش بولۇپ يولغا چۈشتۇق".
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا 1918-1920-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىش جەريانىدا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى ۋە قىزىل ئارمىيە قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ قارشىلىقلار قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ئىدىيىسىدىكى كىشىلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كېلىپ بىر مەزگىل پاناھلىنىش ئارقىلىق، كېيىن قايتىدىن كۈچ توپلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقاتماقچى بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ تەركىبى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى، مۇستەقىللىق پىكىرلىرىگە ئىگە زىيالىيلار، بولشېۋىكلارغا قارشى تۇرغۇچىلار ۋە ۋەقەگە قاتناشقان ئاددىي پۇقرالار ھەم باشقىلار ئىدى. ئەلىخان تۆرە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. (ئۈمىدۋار)