ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق ئەسىرى (4)
2005.06.15

سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەلىخان تۆرە "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىنىڭ باش قىسىمىدا ئۆزىنىڭ بولشېۋىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەشقەرگە كېتىش جەريانىدا يولدا كۆرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلەيدۇ.
ئۇ تارىخچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى تۇغۇلغان توقماق شەھىرى جۈملىدىن بالاساغۇن قاتارلىق جايلارنىڭ تارىخى ھەققىدە بايان قىلىپ، ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بالاساغۇن قەدىمكى ئۇيغۇر-ئوغۇز مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر.
مۇشەققەتلىك يوللار
ئەلىخان تۆرىنىڭ قەشقەر سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلاردىن بىرى ئۇنىڭ تۇڭگان ئوقۇغۇچىسى ۋە يەنە بىر نەپەر ئادەم ئىدى. ئۇ سەپىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كېلەيلى. توقماقتىن چىقىپ، توغرا شەرققە قاراپ چىمقۇرغان، بۇرالساي، ئەلارىق، تويغاق، مەيدانتال، قۇۋاقى ئارقىلىق مېڭىپ، قاراغوۋ-قوچقارغا كەلدۇق. بۇ يەردىن يۈرگۈنىمىزچە بىر نەچچە قونالغۇلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، دولان داۋىنىدىن ئېشىپ، نارىن سۈيى بويىدىكى نارىن شەھىرىگە كىردۇق. بۇ تۆت تەرىپى چوڭ تاغلار بىلەن ئورالغان ئەلدۇر. رۇسلار تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا كىرىش قەستىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن نارىن سۈيى بويىغا بىر قەلئە بىنا قىلغان ئىدى. ئالاتاۋ ۋە تىيانشان تاغ-تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ قېلىنلاشقان ئورنى ۋە كۆچمە قىرغىز تۈركلىرىنىڭ قاينىغان جايى غەربىي –جەنۇبى ئۆزبېكىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئۇيغۇرىستان بولغانلىقىدىن بۇنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى زوردۇر. بۇ يەردىن چىقىپ ئارىسى 45 چاقىرىم چانىسىدا كېلىدىغان ئوت بېشى قىشلىقىغا يېتىپ كېلىپ، تاشكەنتلىك تۇياقباي ھاجىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ چۈشتۇق. ئۇ توقماقتا ئۇزۇن تۇرغان ، ئۆز مەھەللىمىزدىن كەتكەن كىشى ئىدى. بۇ يەرنىڭ تۆت تەرىپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان بولسىمۇ، ئەمما دالاسى كەڭ ۋە ئوتلاق-يايلاقلىرى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئارپا، ئاقسۇ دېگەن يەرلەرنىڭ چۆپى كۈچلۈك، قىمىزى كۆپ بولۇشتا داڭقىئى چىققان ئىدى. ئوت بېشىدا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن، شۇ يەردە قوشۇلغان قوشماق ھاجىم بىلەن ئۈچ كىشى يولداش بولۇپ، يولغا چۈشتۇق.
بۆرە ئاغزىدىن قۇتۇلۇش
ئەلىخان تۆرە قوشمەت ھاجىم قاتارلىق ھەمراھلىرى بىلەن چوڭ يولدا ماڭماي، مەخپىي-كىچىك يوللار بىلەن ماڭىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئەتراپنى چېگرا ساقلىغۇچى بولشېۋىك ئەسكەرلىرى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا ،ئۇلارنىڭ ئولتۈرىلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەلىخان تۆرە بۇ سەپىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
"ئالدىمىزدا بىر قونالغۇ تاشراباتتا چېگرا قاراۋۇللىرى-قىرغىز شامىرقان ، رۇس چۇدىر باشلىق بىر نەچچە ئەسكەر بارلىقىنى بىلدۇق. بۇلار ئالدىدىن ئۆتۈشتە يولخېتى مىز يوقلىقىدىن، قوشماقھاجىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، توغرا يولنى قالدۇرۇپ، بېلوشوۋ دېگەن ئوغرى يول بىلەن كەتمەكچى بولدۇق.يولدا كېتىۋاتقانىمىزدا يىراقتا ئات يېتىلەپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. چوڭ يولدىن ئۇ يولغا بۇرۇلغان ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزدىن كېلىۋاتقان ئۇ كىشى يىراقتىن ئىشارەت بىلەن بىزنى چاقىردى. ئۇنىڭ بۇ چاقىرىشىدىن ئاددىي كىشى بولمىسا كېرەك دەپ ئالدىغا باردۇق. قارىساق، چېگرا ساقچىلىرى باشلىقى –قىرغىز شامىرقان ئىكەن. بىزنى كۆرۈش بىلەن" ھەي سىلەر قانداق كىشىسىلەر؟ ئوچۇق چوڭ يولنى قويۇپ يېپىق كىچىك يولغا كىرىسىلەر؟ قېنى بۇ ياققا ئۆتۈڭلار" دەپ بىزنى باشلىغىنىچە يول ئۈستىدىكى كارۋان سارايغا چۈشۈردى. شۇ ئارىدا قاياقتىندۇر ئىككى-ئۈچ قىرغىز يىگىتلىرى بىلەن ئىلگىرىكى سىپاھلاردەك بېلىغا كۈمۈش بەللىك، يېنىغا ئەگرى قىلىچ ئاسقان شۇ يەرلىك قىرغىزلارنىڭ باشلىقىمۇ يېتىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن قوشماق ھاجىمنىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ،" ھەي تاڭ ، ئىشلىرىمىز قانداق بولار؟ سوراپ قالسا يول خېتىمىز يوق، ئاللاھ ساقلىسۇن ! بىزنى قايتۇرۇپ نارىندىكى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ۋاقىت يامان، ئېغىر كۈنلەرگە قالمىغىدۇق"دېدى.
توغرا، بۇنىڭ دېگىنىدەك ئۇ كۈنلەردە ئىشچى-كەمبەغەللەر ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقتىن، ئەرزىمىگەن نەرسە باھانىسى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىنى، ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئوڭ –سولنى ئايرىيالمىغان ئىشچى-قوشچىلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرغان ئىدى. خەلق ئىچىدە ئازدۇر –كۆپتۇر چۈشىنىشچان ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك، بارلىق كىشىلەر ئىنقىلاب دۈشمەنلىرى ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،ھەقسىز دەپ قارالغان ئادەملەر جازاغا تارتىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ بىچارىلەرنىڭ ، ئۇ كۈندىكى ھاكىملارغا ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچ قانداق گۇۋاھ-ئىسپات كېرەك ئەمەس ئىدى.
ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار يەرلىك قىرغىز ساقچىلىرىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى ۋە ياردىمىگە سازاۋەر بولۇپ، بىخەتەر ھالدا دۈشمەنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قەشقەر چېگرىسىدىن ئۆتۈۋالىدۇ.ئۇ ئۆز سەپەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ھەر قاچان ئاللاھنىڭ ساقلىشىغا ئېرىشىپ، قىيىنچىلىقلار ۋە خەتەرلەر ئۈستىدىن غالىپ چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)